欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某非法猎杀濒危、珍惜野生动物案)(自然人犯罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-23 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕160号 

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ             ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەىيىبلەش  (2020) 160-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

   جاۋابكار ئى ،XXئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى ********65292719، ئۇچتۇرپان ناھىيەXX يېزا-X كەنىت-X مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئەتىۋارلىق، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

   ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئىXXنىڭ ئەتىۋارلىق، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ئىXX 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيە XX يېزا-X كەنىت-X مەھەللىدىكى ئۆزىنىڭ ئىسسىق قوتىنىدا، كەپتەرلىرىنى بىر دانە ياۋا قۇش (قىزىل لاچىن) نىڭ  يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپياۋا قۇشنى ئۆلتۈرۋېتىش مەقسىتىدە، قوتاننىڭ ئىشىك ۋە تۈڭلۈكىنى ئىتىۋېتىپ، ھويلا سۈپۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان قۇمۇش سۈپۈرگە بىلەن  ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن، ئاندىن ئامبار ئۆيىدىكى دانلىق زىرائەتلەرنى باشقا قۇشلارنىڭ يەپ كىتىشىنى تۇسۇش ئۈچۈن يۇقارقى ياۋا قۇش (قىزىل لاچىن) نى تانا بىلەن پۇتىدىن باغلاپ، ئامبار ئۆيىدىكى قۇناق دۆۋىسىگە سانجىپ قويۇلغان گۈرجەكنىڭ ياغاچ سېپىغا ئىسىپ قويغان. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان.

شىنجاڭ خوانەن ھايۋانات تۈرى مۇھىت زىيىنىنى ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى «جاۋابكار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن قۇش 2-دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋان «قىزىل لاچىن»، قىممىتى 15000.00 (ئۇن بەش مىڭ) يۈەن» دەپ بېكىتكەن. 

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقراى، باھالاش پىكىرى،  ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

 يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئىXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قوبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئىXXنىڭ دۆلەتنىڭ نوقتۇلۇق قوغدىلىدىغان، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ياۋايى ھايۋاننى قەستەن ئۆلتۈرگەن قىلمىشىدىن ئەتىۋارلىق، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 341-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغانلىغى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ بارلىغى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: ئەكبەرجان ئابلەت

پۈتۈكچى: ئاسىمە ئەركىن

2020يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى

ئىزاھات:  (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى، 1 پارچە DVD پىلاستىنكا سوتقا يوللاندى.

         (2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، ئالاقىلىشش نومۇرى: *********152.

          (3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top