شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
غ ن تەپتىش 1-جىنايى ئىشلار بۆلۈم ئەيىبلەش (2020)xx-نومۇرلۇق
جاۋابكار: ئىxx،ئەر، ئۇيغۇر،xx ياش،xx19-يىلى xx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان، كەسپى: دىھقان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxxx6541، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن:xx ناھىيە xx يېزا xx كەنىتxx-گۇرۇپپا ،ئىلگىرى سوتلىق بولمىغان . 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوغىرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.
جاۋاپكار: پەxx، ئەر،ئۇيغۇر،xx ياش. xx19-يىلىxx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان، كەسپى: دىھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx6541، نوپۇسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:xx ناھىيە xx يېزا xx كەنىت xx يولىxx-كوچا xx-نومۇر، 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئوغىرىلىق جىنايىتى بىلەن غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىلىپ 6ئاي كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش،قوشۇمچە مىڭ يۈەن شىتراف قويۇشقا ھۆكۈم قىلىنغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئوغىرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى9-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ ئۆتتۇق. قانۇن بويىچە جاۋابكارلارنى سوراق قىلدۇق ۋە پىكىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق. دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار ئىxx بىلەن جاۋاپكار پەxx ئىككىسى بىرلىشىپ ئوغورلوق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ جاۋاپكار ئىxxنىڭ ماشىنىسى بىلەن 2019- يىلى11- ئاينىڭ 13- كۈنى كىچىدە غ ن مازار يىزا تار كەنت بىنەملىككە چىقىپ بىنەملىكتە ئوتلاۋاتقان غ ن مازار يىزا تار كەنت ئەزاسى ئاxxنىڭ 4500 يۈەن قىممىتىدىكى ئۈچ تۇياق قويىنى ئوغورلاپ ماشىنىغا بىسىپ غ ن دولان دىھقانچىلىق مەيدانى دولان كەنت 1- ئەترەتتىكى ئالىxxىڭ ئۆيىگە ئىلىپ بىرىپ ئىغىلىغا سولاپ قويۇپ شۇ ئۆيدە يىتىپ قىلىشقان ۋە كىچىدە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. زىيان تولۇق ئەينىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات ؛
1. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ؛
3.جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ؛
4.باھالاش پىكىرى؛
5.نەق مەيدان ئېنىقلاش تەكشۈرۈش ماتىرىيالى ؛
6.ئۈن سىن ماتىرىيالى؛
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىشى قانۇنلۇق، ئىسپاتلىماقچى بولغان مەزمۇنى ئوبىكتىپ، راست. شىكايەت قىلىنغان قىلمىشنى بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار ئىxxبىلەن جاۋاپكار پەxxنىڭ شىكايەت قىلىنغان قىلمىش ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەم جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار ئىxx بىلەن جاۋاپكار پەxxلارنىڭ بىرلىشىپ،قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ 4500 يۇەن قىممەتتىكى مال مۈلكىنى ئوغرىلىغانلىق قىلمىشى ‹جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، ئوغورلوق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكارلار دىلۇ پاش بولغاندىن كىيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان بولۇپ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا جاۋاپكار ئىxx بىلەن جاۋاپكار پەxxلارنى «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا، 25-ماددا، 67-ماددا3-تارماق بەلگىلىمىسى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئىككى ئايدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىش بىلەن بىرگە 1000 يۈەندىن شىتراف قويۇشۇڭلارنى سوراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: مۇكەررەم بەكرى
تەپتىش: ئەسئەت قۇربانجان
2020-يىلى9-ئاينىڭ 25-كۈنى
قوشۇمچە :
1. جاۋابكارلار ئائىلىسىدە كىپىلگە بىرىلگەن .
2.دەلىل ئىسپات تېزىسى، ئۈن سىن ماتىريالى، ئىككى توپلام تەھقىقلەش دېلوسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论