乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2021〕87号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبنامە (2021) 87-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار قxxx ئەر، ئۇيغۇر، 19 xx-يىلى x-ئاينىڭ x-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292719xxx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا x-كەنىت x-مەھەللە x-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەن شىتىراپ قويۇشقا ھۈكۈم قىلىنغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار قxxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
جاۋابكار قxx 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 21:00 ئەتىراپىدا ئۈزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى xx نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى ئۆلكە يۇلى 306-لېنىيەدە پىراۋىسىز، مەست ھالەتتە بەلگىلەنگەن سۈرەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ مېڭىپ، xxكىلومىتىر xxمىتىرلىق دائىرىگە كەلگەندە ئۈزى بىلەن ئوخشاش يۆلىنىشتە پىيادە مېڭىۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى زوxxنى سۇقىۋەتكەن، نەتىجىدە زوxx يارىلانغان.
ئەدلىيەلىك باھالاش پىكرىدە، قxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىۋىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 251.57 مىللىگىرام، xx نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنىڭ سۇقۇلغاندىكى يۈرۈش سۈرئىتى 63km/h دەپ يەكۈن چىقارغان.
زەخمە دەرىجىسىنى باھالاش پىكرىدە، باھالانغۇچى زوxxنىڭ زەخمىسى 2-دەرىجىلىك ئېغىر زەخمە دەپ بىكىتكەن.
يول-قاتناش ھادىسە ئىتىراپنامىسىدە، قxx ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، زوxx قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتكەن.
ھادىسىدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىشكەن، جاۋابكار قxx زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى زوxxغا ھەق تەلەپ تۆلىمى ئۈچۈن 32 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىپ، ئەپۇ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.
جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، نەق مەيدان ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار قxxنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، موتسىكىلىتنى پىراۋىسىز مەسىت ھالەتتە، بەلگىلەنگەن سۈرەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلىپ، بىر ئادەمنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك، جاۋابكارغا جىنايى قىلمىشىنىڭ ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋپى، ھەق تەلەپ جەھەتتىكى دەۋانى ئۈنۈملۈك ئاخىرلاشتۇرغانلىقى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى قاتارلىق تەرەپكە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىش كېرەك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
تەپتىش: ئېزىز مەمەت
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، ئاددى تەرتىپ تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى xxx.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论