欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(克某某危险驾驶一案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

            شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

ك ش ت ج ئەيىبلەش (2020)1271–نۇمۇرلۇق 

جاۋاپكار كXX (باشقا ئىسمى،لەقىمى يوق)،ئەر،ئۇيغۇر، ****-يىل **-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نۇمۇرى:****** 6528011994، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيەسىگە ئېگە ، دېھقان ، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ كورلا شەھىرى ** چارۋېچىلىق ئەترىتى 20-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ كورلا شەھىرى ** چارۋېچىلىق ئەترىتى 20-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۇنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بىرىلگەن . 

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار كXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى12 - ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ شۇ كۈنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنى ئوقتۇردۇق . پۈتۈن دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ دىلو پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق . 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى 20:00لەر ئەتراپىدا، جاۋپكار كXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، كورلا شەھىرى پۇخۇي دېھقانچىلىق مەيدانىدا***** 新M نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ، ** دېھقانچىلىق مەيدانى 2-ئەترەت 5-كىچىك ئەترەت ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ، ئالدى تەرەپتە پىيادە يول يۇرىۋاتقان يەن XXنى سۇقىۋەتكەن، نەتىجىدە يەن XXنىڭ زەخمىلىنىشىدەك قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

شىنجاڭ خۇۋاتۇڭ قاتناش ھادىسى ماددى ئىسپات ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 3273-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا كXXنىڭ ھەر يۈز مىللىلېتىر قان سۇيۇقلىقىدا188.33مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى  بار دەپ باھالاپ بېكىتكەن.

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى 528897-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ ، بۇ قېتىمقى ھادىسىدە كXX پۇتۇن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتكەن .

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات ، ئېنىقلاش-تەكشۇرۇش خاتىرىسى ،باھالاش يەكۈنى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، جىنايى پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋاپكار كXX دىلودىكى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بولىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار كXX قاتناش-تىرانسىپوت باشقۇرۇش قانۇن –نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇن 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك . جاۋاپكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغان بۇلوپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» 15- ماددىسىنىڭ بەلگۈلمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ. شۇڭا‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيپلىدۇق ،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

                            كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىگە

                          

                        تەپتىش : ئىلھام يۇنۇس 

                                  2020-يىلى 12- ئاينىڭ 22-كۈنى    

ئەسكەرتىش:

(1) جاۋاپكار بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن. (2) تەھقىقلەش ئارخىۋى ئىككى توپلام ،ئون نۇسخا ئەيپلەشنامە بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top