欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(克某某危险驾驶案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

· ئا ش ت ئەيىبلەش ( 2019 )3272-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار كxx، ئەر، ئۇيغۇر، 36 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011983********، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى، شىنجاڭ ئاقسۇ شەھەر ** بازار **-كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇختۇرۇپ قويۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار كxx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 00:00 لەردە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئۆيىدە ئارام ئالغان. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 10:00دە باللىرىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن ئاقسۇ شەھەر ** بازار ** ئارامگاھى ئالدىغا توختىتىپ قويغان 新N6**** نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ئۆيىگە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ، ئاقسۇ شەھەر ** بازارلىق پوچتىخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بىر توكسىكىلىت بىلەن سۇقۇلۇپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بىرۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە، ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 178.13مىللىگرام بۇلۇپ(178.13mg/100ml) مەس ھالەتتە ئابتوموبىل ھەيدىگەن.ھادىسىدىن كېيىن جاۋاپكار كxx زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىسادى چىقىملىرىنى تۆلەپ كېلىشىپ تۈگەشكەن .

يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش -تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار كxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ -133ماددا بىرىنچى مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇللۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار كxxىڭ يۇقارقى قىلىمىشى يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار كxxنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايتىگە 2 ئاي 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە 5 مىڭ يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بېرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

تەپتىش: ھۈسەنجان موللىئىمىن

مۇۋاققەت تەپتىش : ئابدۇسالام تۇرسۇن

-2019يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋابكار كxx ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلغۇن نۇمۇرى : 1307002****

2.8 نۇسخا ئەيىبنامە، جازاغا قايىل بۇلۇش خېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top