欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(凯某某危险驾驶案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                           ئا ش ت ئەيىبلەش 1- بۆلۈم ( 2020 )  752-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋابكار قەxx، ئەر، ئۇيغۇر، 34 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529221986xxxxxxx، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى، ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاقسۇ شەھەر xxمەركىزى xx- نۇمۇر، رىمىنۇتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.

    ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇختۇرۇپ قويۇلدى.

  قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

 جاۋابكار قەxx 2020- يىل 3- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 0:00 لەردە ئاقسۇ شەھەر xx بازىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئولتۇراق رايونى ئىچىدە ئولتۇرۇپ ھاراق ئچىكەندىن كىيىن نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى مەس ھالەتتە پىراۋىسىز مىنىپ مېڭىپ xx ناھىيە xx ئولتۇراق رايونىغا بېرىپ يەنە ھاراق ئىچىپ ئاقسۇغا قايتىپ كەتمەكچى بۇلۇپ نۇمۇر تاختىسى يوق موتوسىكىلىتنى مەس ھالەتتە پىراۋىسىز ھەيدەپ مېڭىپ xx نۇمۇرلۇق تاشيولنىڭ xx كىلومىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە موتوسىكىلىتنى توختۇتۇپ ئۇخلاپ قالغان  شۇ ئەتىراپتا چارلاش ئېلىپ بېرۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار قەxxنى ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە، ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 277.69 مىللىگىرام بۇلۇپ ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن . 

      يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش -تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار قەxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ -133ماددا بىرىنچى مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇللۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار قەxx جىنايىتنى تۇنۇپ، قىلمىشنى ئىتىراپ قىلىپ، جازاغا قايىل بولدى، ئۇنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار قەxxغا خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايتى بىلەن جىنايى جازاسى بېرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

            تەپتىش:  ھۈسەنجان موللائىمىن

      2020- يىلى 11-ئاينىڭ  11-كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋابكار قەxx ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلغۇن نۇمۇرى : 1769061xxxx، 1389929xxxx، 1577001xxxx

2.8 نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش خېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top