欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(凯某某抢劫案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 414-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار قەxx، ئەر، ئۇيغۇر،19 ياش، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6529011999،ئوتتۇا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيسىگە ئىگە يۇرتى: ئاقسۇ شەھەر، توختۇتۇپ قۇيلۇشتىن ئىلگىرى: يېزا-ئىگلىك xx-دىۋىزىيىسى xx-پولىك xx مەيدان xx-لىيەن xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق.مۇقىم كەسىپى يوق،ئىلىگىرى جازالانمىغان. 2019-يىل 2-ئاينىڭ 16-كۈنى بۇلاڭچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قانۇن بۇيچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان.مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى قولغا ئېلىنغان.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ،بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار قەxx 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە ئۇخلايدىغان جاي تاپالماي، سائەت 23:30 لەر ئەتراپدا ئاقسۇ شەھەر xxئولتۇراق رايۇننىڭ قارىشى تەرپدىكى باغىچىنىڭ ئىچىگە كىرىپ راۋاقىتا ئولتۇرغاندا،زىيانلانغۇچى ئاxx بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان. زىيانلانغۇچى ئاxx جاۋاپكار قەxxنى ئۆزىنىڭ ئاقسۇ شەھەر xx يولى xx مىھمانخانىسىدىن ئېچىپ قويغان ياتىقىغا باشلاپ كىلىپ،ياتاقتا ئولتۇرۇپ بىر پوتولكا قىزىل ھاراق ئىچىپ، زىيانلانغۇچى ئاxx مەس بۇلۇپ قالغاندا،جاۋاپكارقەxx زىيانلانغۇچى ئاxx نى كارۋاتنىڭ ئۈسىتىگە بېسىپ، ئىككى قولنى كەيىنگە قايىرىپ،ئۆزنىڭ كەمىرىدە باغلاپ قۇيۇپ، زىيانلانغۇچىنىڭ سومكىسنى ئاختۇرۇپ بىر دانە ئوپپو ماركىلىق تېلغۇن،بىر دانە سۆسۈن رەڭىلىك زاپەر تېلغۇن،141 يۈەن نەق پۇل،بىر دانە ئەرەنچە ئاسىما سومىكا،بىر دانە مېغىزرەڭ ئۇزۇنىچاق پورتىمال، بىر دانە سېرىق رەڭلىك قول سائەت،بىر دانە يېزا-ئىگىلىك بانىكىسىنىڭ بانكا كارتىسى، چامدان قاتارلىق جەمئى 3633يۈەن قىممىتىدىكى نەق پۇل ۋە مال- مۈلۈكنى ئېلۋېلىپ، يۇقارقى نەرسىلەرنى چامدانىغا سېلىپ،زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ پۇتىنى زىيانلانغۇچىنىڭ كەمىردە باغلاپ قۇيۇپ، چامداننى ئېلىپ ياتاقتىن چىقىپ كەتكەن،ئاردىن ئۇزاق ئۆتمەي جاۋاپكار قەxx ياتاققا قايتىپ كىرىپ،زىيانلانغۇچى ئاxxنى يەنە كارۋاتنىڭ ئۈستىگە بېسىپ، يېنىدىن بىر دانە سېرىق دەستلىك تىغى يوق ئۇستۇرنى چىقىرىپ،زىيانلانغۇچىنىڭ گېلىغا تەڭلەپ تەھىدىت سېلىپ، زىيانلانغۇچىنىڭ ئۈندىدارنىڭ ھەمىيان مەخپىي نۇمۇرنى بىلۋېلىپ،ئۆزنىڭ ئۈندىدارىغا زىيانلانغۇچىنى قۇشۇپ،زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ ئۈندىدارىدىن 7800 يۈەن پۇلنى ئۆزنىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۋېلىپ،جەمئى 11433 يۈەن قىممىتىدىكى پۇل-مېلىنى بۇلاپ قېچىپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن 3492 يۈەن قىممىتىدىكى زىيان ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

مەھكىمىمىز جاۋابكار قەxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 263-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،جاۋاپكارنى بۇلاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋابكار قەxxنىڭ قىلىمىشى«جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،شۇڭا جاۋابكار قەxxنىڭ جىنايىتىگە مۇددەتلىك 5 يىل 6 ئاي قاماق جازاسى بىرىپ،قۇشۇمچە 15 مىڭ يۈەن ئىشتىراف قۇيۇشقا ھۈكۈم قىلىش توغرىسدا تەكلىپ بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ«جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق

تەپتىش : ئەنۋەر ئەمەت

2020 - يىلى 4- ئاينىڭ 22 – كۈنى

ئىزاھات:

1.جاۋابكار قەxx ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

2.8 نۇسقا ئەيىپنامە، بىر دانە نۇر دېسكا، 1 توپلام دىلو ماتىريال بىرگە يوللاندى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top