乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检公诉刑诉〔2019〕3407号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2019) 3407-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار قxx ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 652927xxxx178، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، قاتناش ھادىسسى تۇغدۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار قxxنىڭ جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا دەۋا ۋاكالەتىچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق،
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار قxx 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 09:10 ئەتىراپىدا سxx نامىدىكى xx نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئاپتۇموبىلىغا ھxx، مۇxx، تۇxx قاتارلىقلارنى چىقىرىپ ئۆلكە يۇلى 306-لېنىيەدە غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ پىراۋىسى بار ھالەتتە ھەيدەپ مېڭىپ، 69 كىلومىتىرلىق يول بۈلكىگە كەلگەندە، ئالدىدا ئوخشاش يۆلىنىشتە ئاxx ھەيدەپ ماڭغان ئات ھارۋىسى بىلەن سۇقۇلۇپ كەتكەن، نەتىجىدە ئات ھارۋىسىدا ئولتۇرغان ئۇxx، موxx، تۇxxلار زەخمىلىنىپ، ئۇxx قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۈلۈپ كەتكەن. ۋەقەدىن كىيىن جاۋابكار زىيانلانغۇچى ئۇxxنىڭ ئۈلۈم تۆلەپ پۇلى......قاتارلىق تۈرلۈك چىقىملار ۋە موxx، تۇxxلارنىڭ داۋالىنىش چىقىملىرىنى تۆلەپ بىرىپ ھەق-تەلەپ قىسىمىنى ئۈنۈملۈك ئاخىرلاشتۇرغان. موxx، تۇxxلار زەخمىسىنىڭ دىرىجىسىنى باھالىتىشتىن ۋاز كەچكەن. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
قانۇن دوختۇرىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «باھالانغۇچى ئۇxx قاتناش ھادىسى سەۋەبىدىن چوقا مىڭە ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلنىپ ئۆلگەن» دەپ يەكۈن چىقارغان.
يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىدا «قxx پۈتۈن مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇxx، تۇxx، موxxلار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» دەپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار قxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار قەxxنىڭ قاتناش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپ يول يۈرۈپ ھادىسە تۇغدۇرۇپ بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى قاتناش ھادىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، قاتناش ھادىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى تولۇق تۇنىغانلىغى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بارلىقى، جىنايىتىنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى، خەۋىپى ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: ئالىم ئىمامنىياز
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كاپالەتچىلىكتە تۇرۋاتىدۇ.xx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论