欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(加某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                  ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش 1بۈلۈم (2020) 19-نۇمۇرلۇق

    ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  جاۋابكار جاxx، ئەر، ئۇيغۇر، 28 ياش، كىملىك نۇمۇرى : xxxxxxxx6529011992 ،تۇلۇقىسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھەر،كېپىلگە بىرىلىشتىن ئىلگىرى: ئاقسۇ شەھەر xx-رايۇن xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، مۇقۇم كەسپى يوق، ئىلگرى جازالانمىغان. 2020-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن. 

    ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى   ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ،بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

    قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:  

جاۋاپكار جاxx 2020-يىلى 03-ئاينىڭ 28-كۇنى سائەت 03:10 لەردە ،تاللا بازىردا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن،ئاقسۇ شەھەر xx توختۇتۇپ قويغان新NUxxxxنۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق مۇتۇسكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ ۋاڭسەن كوچىسىغا بېرىپ تاماق يىگەندىن كېيىن،يەنە شۇ موتسىىكىلىتنى ھەيدەپ قايتىپ مېڭىپ، ئاقسۇ شەھەر xx باغچىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە موتسىكىلىتنى كونتىرول قىلالماي يېقىلىپ چۈشكەن،شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار جاxxنىڭ  ھاراق ئىچىپ موتىسكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىگە تاشۇرۇپ بەرگەن، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتى جاۋاپكار جاxxنى ھاراق ئىچىپ مۇتىسكىلىت ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق باھالاشقا يوللىغاندا،جاۋاپكار جاxxنىڭ 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 192.81 مىللىگىرام (mg/100ml192.81) بۇلۇپ مەس ھالەتتە موتسىكىلىت ھەيدىگەنلىگى  ئېنىقلانغان.

     يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ  گۇۋاھلىقى،ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋابكار جاxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلمىسىگە خىلاپ،جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جارزا بىرىشكە تىگىشلىك.جاۋاپكارمۇ ئۈزىنىڭ جىنايىتىگە تۇلۇق ئىقرار بۇلۇپ قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،شۇڭا جاۋابكار جاxxغا 3 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ،قۇشۇمچە 7000 يۈەن ئىشتىراف قۇيۇشقا ھۈكۈم قىلىشقا تەكلىپ بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

    

                     تەپتىش      : ئەنۋەر ئەمەت

2020 - يىلى 6- ئاينىڭ 20– كۈنى

 ئىزاھات: 

   1.جاۋابكار جاxx كېپىلگە بىرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە. تېلغۇن:xxxxxx13779

2.8 نۇسقا ئەيىپنامە،ئاددى تەرتىپنى قوللۇنۇش تەكلىپنامىسى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، بىر دانە نۇر دېسكا،بىر توپلام دىلو ماتىريال بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top