欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(加某某危险驾驶案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                        پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 210-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋابكار: جاXX ، ئەر، ئۇيغۇر ، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ، كىملىك نومۇرى: 3211******65212219، پىچان ناھىيە ** بازىرى **مەھەللە **-گۇرۇپ **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە،دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2019- يىلى4-ئاينىڭ 3-كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن.

    پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار  جا**نىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەش ۋە بىر قىتىملىق تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلى دېلو بىجىرىش سۈرۈكى بىر قىتىم 15كۈن ئۇزارتىلدى .

    مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:  

2018-يىلى 02-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 00 دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە ، جاۋاپكار جاXX ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ،  新KT**** نۇمۇرلۇق،« **» ماركىلىق، كىچىك تىپتىكى تاكسى ماشىنىنى ھەيدەپ ، شەرىقتىن -غەرىپكە قاراپ مېڭىپ ، پىچان ناھىيە ** تاشيۇلى** لىنىيە ****كىلومىتىر ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە يول ئىگىلەپ يول يۈرۈش جەريانىدا ، غەرىپتىن- شەرىققە قاراپ ماڭغان ، ما XX ھەيدىگەن **** 新Kنۇمۇرلۇق«**» ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسى بىلەن سۇقۇلغان ، نەتىجىدە قاتناش ۋاستىلېرى زىيانغا ئۇچراشتەك ئادەتتىكى قاتناش ھادىسىسنى سادىر قىلغان. جاۋاپكار جاXX ھادىسىنىڭ پۈتۈن مەسئوليىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ .

شىنجاڭ خېڭجېڭ ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] 78-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دۇكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا« جاۋاپكار جاXXدىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدار«mg/100ml179.1»دەپ يەكۇن چىقارغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛3. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان ئىنىقلاش ،تەكشۈرۈش خاتىرە،خەرىيتە ۋە سۈرەتلېرى قاتارلىقلار بار.  

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار جاXX ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ،تىز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىگە قۇشۇلىدۇ .

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار جاXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرۈپ ھادىسە سادىر قىلغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسى بىر مەزموننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە بېرىلدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا: تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش ۋە قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازاسى.

جاۋاپكار جاXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن  يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار جاXXغا 4ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ،جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا  تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋاپكار جاXXنىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

   تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا

     2020-يىلى4-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئىزاھات:    

   1. جاۋاپكار جاXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى:182*******

 2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top