乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕655号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 655-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ج x، ئەر، قىرغىز، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنت x-مەھەللە x-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپى ئاشپەز، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ج xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
جاۋابكار ج x 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئايالى جا xبىلەن ئاجىرىشىش رەسمىيىتىنى بىجىرىش ئۈچۈن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە بارغاندا، ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن رەسمىيەتنى تولۇق بىجىرەلمىگەن، جاۋابكار ج x خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىن چىقىپ ماشىنىسىدا مېڭىش جەريانىدا ئايالى جا xنىڭ زىيانلانغۇچى ك xنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ماڭغىنىنى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى باشقىلاردىن ئاڭلىغان «جا xنىڭ ك x بىلەن بىنورمال مۇناسىۋىتى بار ئىكەن» دېگەن گەپنى ئويلاپ ئاچچىقى كېلىپ، ماشىنىسىنى ھەيدەپ، ك xنىڭ ماشىنىسىنى قوغلاپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن ئاقچى ناھىيەسىگە قاراپ مېڭىپ، 219-نومۇرلۇق دۆلەت يولىدىكى ئۇچتۇرپان ناھىيە xتەكشۈرۈش پونكىتىغا تەخمىنەن xكېلومېتىر ئەتراپىدا قالغان جايدا ك xنىڭ ماشىنىسىغا يېتىشىۋىلىپ، «ماشىنىنى توختات» دەپ ۋارقىراپ، ماشىنىسىنى ك xنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا توختاتقان، ك xمۇ ماشىنىنى توختاتقاندىن كىيىن، جاۋابكار ج x ك xنىڭ ماشىنىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، «ئىشىكنى ئاچ» دەپ ۋارقىرىغان، بۇ چاغدا ك x ماشىنىنىڭ دەرىزىسىنى يېرىم چۈشۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار ج x ك xگە «نەگە ماڭدىڭ» دىگەن، ك x «ئاقچىغا ماڭدىم» دېيىشىگە، جاۋابكار ج x ك xنىڭ سول قۇلىقىغا قولى بىلەن ئىككىنى ئۇرغان ھەم ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن قۇلىنى تىقىپ، ئىشىكىنى ئىچىدىن ئېچىپ، ك xنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ تارتىپ ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ، ك xنى ماشىنىغا ئىككىنى ئۈستۈرگەندىن كىيىن، يەنە يۈزىگە شاپىلاق بىلەن بەش-ئالتىنى ئۇرغان، بۇ ۋاقىتتا ك xنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرغان تۈx ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇلارنى ئاجرىتىۋالغان.
قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە زەخمە دەرىجىسى باھالاش پىكرىدە، ك xنىڭ زەخمىسى 2-دەرىجىلىك يىنىك زەخمە دائىرىسىگە كىرىدۇ، دەپ بىكىتكەن.
جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، نەق مەيدان ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ج xنىڭ قەستەن باشقىلارنى ئۇرۇپ يىنىك دەرىجىدە زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ جىسمانى ھوقۇقىنىڭ قانۇنسىز دەخلى تۇرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكارغا «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
پۈتۈكچى : ئابدۇرۇسۇل ۋېلى
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى يوللاندى، جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ ئەرزىدىن ئىككى نۇسقا قۇشۇپ يوللاندى.
(2) جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچگە بېرىلگەن، ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى x.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论