شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)323-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ج**، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش، ****-يىلى**–ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرۇى : 652925*******003X ، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، دېھقان، ت** ناھىيسىدىن ، ت** ناھىيە ت**بازار ر** كەنىت **-گورۇپ***-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
جاۋاپكار ج**نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دىلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، جاۋاپكار ج**نى ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 175-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىقلاندى :
جاۋابكار ج** 2020-يىلى6-ئاينىڭ7-كۈنى سائەت17 لەر ئەتراپىدا ، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار بەخىت يۇلى كوچىسىدىكى جاۋلىنىڭ شىنلوڭ سودا دۇكىنىغا كىرىپ ، دوسىتلىرى ن**، ت** ، د** قاتارلىقلار بىلەن ئولتۇرۇپ ئىككى پوتولكا ھاراق ئىچكەن . ھاراق ئىچىش جەريانىدا جاۋاپكار ج** باشقىلارنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دۇكاننىڭ پۇل ئېلىش ئورنىدىكى ئىشكاپىدىن8375يۇەن نەق پۇل قاچىلانغان بىر دانە رەڭلىك پۇرىتمالنى ئوغۇرلاپ دۇكاندىن چىقىپ، ئازراق ماڭغاندا دۇكان ئىگىسى جا**، پورتىمالنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ج**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار ج**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 6 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 1000 مىڭ يۈەن ئشىتراپ قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش: ئۆمەر ئەمەت
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论