شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش س ت ت 1-باشقارما [2020] يىللىق** -نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ن**، ئەر، ** ، -**يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6531261997********، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى **پونكىتىنىڭ چارلاش خادىمى، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيىسى ** كەنت-** گۇرۇپ **-نومۇر. تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** رايونى **-بىنا **-ئىشىك **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2020-يىلى -1ئاينىڭ 19-كۈنى ئوغرىلىق جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن .
جاۋابكار ن**، ئەر، **، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501031994، مەخسۇس كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى ** پونكىتىنىڭ چارلاش خادىمى. نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى ** كوچىسى **-نومۇر **-رايون **-بىنا **-نومۇر. تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** كوچىسى **-نومۇر **ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-ئىشىك **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئوغرىلىق جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ن** بىلەن ن** نىڭ ئوغرىلىق جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارلارغا بارلىق دەۋا ھوقۇقىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جاۋابكارلاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق. جاۋاپكارلار ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت ئېچىش تەرتىپىگە قۇشۇلدى .
مەزكۇر دېلو 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 1-قېتىم تەھىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھىقلىشىگە قايتۇرۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ن**، ن**لار 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 20:30 لاردا، شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى خې** نى چارلاش ماشىنىسى بىلەن ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش جەريانىدا، زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ مەس بولۇپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يانفون ئۈندىدار سىكاندىرلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۈندىدارغا باغلاقلىق بانكا كارتىسىدىكى ۋە ئۈندىدار پۇل قاپچۇقىدىكى بەش مىڭ يۈەن پۇلىنى ئوغرىلاپ كېتىپ، ئوغرىلىغان زاڭ پۇلنى 2500 يۈەندىن بۆلۈشۈپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن، جاۋاپكارلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر زىيانلانغۇچىنىڭ 5000 يۈەن زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بەرگەن.
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:
1) زىيانغا ئۇچرىغۇچىنڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتېرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
2) يازما ئىسپات: جاۋابكارلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، دېلوغا كېلىش جەريانى توغرىسىدىكى ئىسپاتى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى، زاڭ مالنى تۇتۇپ قېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىسپاتى، ئۈندىدار كىرىم-چىقىم تەپسىلاتى رەسىمى، ئەپۇنامە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار ؛
3) ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسىنىڭ [2020]11-12-نومۇرلۇق ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسى ۋە ئاختۇرۇش خاتىرىسى؛
4) جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى؛
5) ئۈن-سىن ماتېرىيالى؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ن** بىلەن ن** لەرنىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئوغرىلاپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان قانۇنسىز قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارلارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق. سىلەرنىڭ جاۋاپكارلارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 25-ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: خۇرشىدە ئۆمەر
پۈتكۈچى: شىرىنگۈل ياسىن
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئەسكەرتىش :
1) جاۋابكارلار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى :
2) تەھقىقلەش دېلوسى 3 توپلام، 8 دانە سىن دېسكىسى، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبنامىسى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ جازانى قوبۇل قىلىش مەسئۇليەتنامىسى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论