欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(努某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-26 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ساۋەن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەش نامىسى

ش س ت ج ئەيىپلەش [2020] 20- نومۇر

  جاۋاپكار ***، ئەر، ئۇيغۇر، ****- يىلى **- ئاينىڭ **- كۇنى شىنجاڭ ساۋەن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0038********654223، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ساۋەن ناھىيىسى * بازىرى *** يولى **- نومۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: يۇقارقى بىلەن ئوخشاش، كەسپىسىز. 2019- يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۇنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى بىلەن ساۋەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر جەمئىيەتتە. بۇندىن بۇرۇنقى قانۇنغا خىلاپ ھەركىتى يوق. 

  ساۋەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋاپكار *** نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 29- كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋاپكار *** غا ئۆزىنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش ئېھتىمالىقىغا بولغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ قويۇپ، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ جاۋاپكار ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتچى ئادۇۋكاتىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، بارلىق دېلو ماتېرياللىرىنى تەكشۇرۇپ ئاياقلاشتۇردۇق. جاۋاپكار *** دېلوغا تېز كېسىم قىلىش تەرتىپى بويىچە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلاش ئارقىلىق: 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 2- كۇنى سائەت 23 دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە جاۋاپكار *** ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ****新GC نومۇرلۇق * ماركىلىق كىچىك تىپلىق ماشىنسىنى ھەيدەپ ساۋەن ناھىيىسى * بازىرى * يولىغا كەلگەندە، مەزكۇر يولدا چارلاش ئېلىپ بىرىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن قولىغا چۇشكەن.

شىنجاڭ خۇا تۇڭ قاتىناش ھادىسىسى ماددىي ئىسپات ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] 6559- نومۇرلۇق ئەدىلىيەلىك باھالاش دوكىلاتىدا: جاۋاپكار *** نىڭ ھەر يۇز مىلليلىتىر قان سۇيۇقلۇقىدا 206.24 مىلليگىرام ئاشلىق ئىسپىرتى بايقالغان دەپ باھالىغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى بېكىتىشنىڭ دەلىل- ئىسپاتى تۆۋەندىكىچە: يازمىچە دەلىل- ئىسپاتلار، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋاپكار *** نىڭ ئىقرارى، شينجاڭ خۇا تۇڭ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ ئەدىلىيەلىك باھالاش پىكىرى، نەق مەيدان تەكشۇرۇش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، ئۈن- سىن پىلاستىنكا ماتىرياللىرى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئارقىلىق تۇراقلاندۇرۇشقا بولىدۇ.

يۇقارقى دەلىل- ئىسپات توپلاش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي بولۇپ، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى بېكىتىشكە يىتىدۇ. جاۋاپكار *** ئەيىپلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتقا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار *** يول قاتناش باشقۇرۇش قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەسىت بولۇپ يولدا ماتورلۇق ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بۇ ھەركىتى << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>> نىڭ 133- ماددا بۆلەك 1- تارمىقىغا خىلاپلىق قىلىپ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىنى شەكىللەندۇرگەن. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق. خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جاۋاپكار *** نىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى سۇرۇشتۇرۇلۇش كېرەك. جاۋاپكار *** ئۆز جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلغان ئەھۋالىغا قاراپ يېنىك جازا ئۆلچەندى، شۇڭلاشقا جاۋاپكار *** غا 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ قوشۇمچە 8000 (سەككىز مىڭ يۇەن) شتراف بىرىش كېرەك دەپ پىكىر قىلدۇق، <<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن>> نىڭ 176- ماددا 1- تارمىقىغا ئاساسەن مەھكىمىڭلارغا ئەيىپلەشكە يوللىدۇق، قانۇن بويىچە جازالىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

 شينجاڭ ساۋەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: جانيگۇل  

2020- يىلى 7- ئاينىڭ 8- كۇنى          

بۇ يەر بوش يەر

قوشۇمچە:

 1. جاۋاپكار *** ھازىر جەمئىيەتتە، ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى: 3989****176.

2.​ ئىككى توم دېلو ۋە 3 دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

3. <<جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش تىلخەت يازمىسى >> دىن بىر پارچە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى. 

4. تۆت پارچە ئەيىپلەشنامە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top