温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕607号
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ت ج ئى چىقىش [2020] 607-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار نۇXX،ئەر،ئۇيغۇر،XX19 -يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى توغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXXXX65292219 ،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيسىگە ئىگە،كەسپى تاكسى شوپۇر،XX ناھىيە XX بازىرى XXكەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرشلۇق،ئىلگىرى جازالانمغان.2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتىگە چېتشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلنغىچە كىپىللكە بىرىلىگەن.
ئۇنسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار نۇXX چېتىشلىق خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى 2020-يىلى 11–ئاينىڭ 13–كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 13–كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىغى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇختۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى تىز ھۆكۈم قىلىش تەرتپىدە قاراپ چىقىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە:
جاۋاپكار نۇXX 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 06:00 مىنۇتلار ئەتراپىدا مەسىت ھالەتتە 新N:T0XXX نومۇرلۇق كىچىك تىچلىق ئاپتۇموبىلى ھەيدەپ XX چوڭ يۇلى گاز قاچلاش پونكىتى ئالدى يول بۆلكىگە كەلگەندە ،ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن بايقلىقپ تۇتۇلىغان،قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىلرى جىنايەت گۇماندارى نۇXXنى ئۇنسۇ ناھىيىلىك دوختۇرخانغا ئىلىپ كىلىپ قان ئەۋرشىكىسى ئېلىپ،قان ئەۋرشكىىسنى ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالىشغا يولىغان،باھالاش ئارقلىق جىنايەت گۇماندارى نۇXXنىڭ قان تەركىبدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 144MG/100ML چىققان.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار نۇXXنىڭ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راسىت، جاۋابكارنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش زۈرۈر. جاۋابكار گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن يىنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جاۋابكار نۇXXغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگۈلىمە بۇيىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئۇنسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام
پۈتۈكچى: ئېزىز ئابلەت
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، بىرنۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.
(2) جاۋابكار نۇXX ھازىرئائىلىسىدە كېپىلدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论