欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(努某某涉嫌故意伤害案)

2021-09-26 尘埃 评论0

    كورلا شەھەرلىك  خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
                   ئەيىپلەشنامىسى                      

                                       ك ش ت ج ئەيىپلەش (2020) 23-نۇمۇرلۇق

     جاۋاپكار نXX،ئەر،1996-يىلىXX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان.كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX 6528011996،ئۇيغۇر،、ئالى تىخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،بۇرۇن جازالانمىغان.نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:كورلا شەھەر XXيېزىسى XX كەنتى XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر،تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نۇمۇر.2019-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۇنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلغان.2019-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى گۇمانى بىلەن مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.شۇ كۇنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

     كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار نXXنىڭ قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۇنى جاۋابكارنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ،بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق. 

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

2019-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۇنى 22:30لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار نXX كورلا شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كۇرپۇس XX-نۇمۇرلۇق ئۆيىدە ئۇخلاپ قوپقاندىن كىيىن،ئاتا-ئانىسى ئايلىق بىقىش راسخوتىغا بىقىۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مXXنىڭ تازلىق ئۆيىدە سۇ ئوينىغانلىقىنى بايقاپ،«نىمىشقا گەپ ئاڭلىمايسە،نىمىشقا كىيىملىرىڭنى ھۆل قىلۋەتتىڭ»دەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مXXنىڭ يۇز قىسمى،باش قىسمى،قورساق قىسمىغا ئۇرغان ھەمدە يەردىكى سۇلياۋ ساپلىقنى ئېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مXXنىڭ باش قىسمىغا ئۇرغان.ئارقىدىن قولى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مXXنىڭ باش قىسمىدىن ئارقىسىغا ئىتتىرگەندە،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مXX ئارقىسىغا يىقىلىپ باش قىسمى تامدىكى پارنىڭ گوەنزىسىگە تەككەن.جاۋاپكار نXX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مXXنى يۆلەپ تازلىق ئۆيىدىن ئېلىپ چىقماقچى بولغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مXX تارتىشىپ قىلىپ يەرگە يىقىلىپ چۇشۇپ،ياندۇرغاندىن كىيىن جاۋاپكار نXX كورلا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە ئېلىپ بارغان.كىيىن بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكىگەن.2019-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۇنى سائەت 16:35ئۆتكەندە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مXX بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى تاشقى نېرۋا بۆلۇمى ئېغىر كىسەللىكلەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۇپ كەتكەن. 

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى(2019) 121-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بۇيىچە ئادەم بەدىنىنىڭ زەخمىسنى باھالاش يەكۈنىدە مXXنىڭ تاشقى زەخمىنىڭ تەسىرىدىن باش سۆڭىكى ئېغىر زەخمىلىنىپ ئۆلۇشنى كەلتۇرۇپ چىقارغان دەپ يەكۇن چىقارغان.

جاۋابكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى :ماددى ئىسپات،يازما ئىسپات،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،باھالاشنامە،نەق مەيدان ئىنىقلاپ تەكشۇرۇش خاتىرىسى ۋە سۇرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە،ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.جاۋابكار نXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى،جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ،جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار نXXنىڭ باشقىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا دەخلى-تەرۈز قىلىپ،قورامىغا يەتمىگەن نارسىدە بالىنى ئۇرۇپ زەخمىلەندۇرۇپ،ئۆلۇپ كىتىشنى كەلتۇرۇپ چىقارغان قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 234–ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگۈلىمىسىگە خىلاپ،پاكىتى ئىنىق دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق بولۇپ،قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى(قەستەن زەخمىلەندۇرۇپ ئۆلۇشىگە سەۋەپچى بۇلۇش) بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكار نXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
    ھۆرمەت بىلەن : 

                             كورلا شەھەرلىك خەلق سوت  مەھكىمىسىگە

 

                              تەپتىش : ھاۋاگۈل توختى

                               2020يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 

ئەسكەرتىش : 

(1) تەھقىقلەش ئارخىۋى 2 توپلام  10 نۇسخا ئەيىبلەشنامە بىرگە يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top