乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕XX号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2020)XX–نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار نXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXX، XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، مەخسۇس كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار نXXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق داۋا ھوقوقلىرىنى ۋە جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت
جاۋابكار نXX 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنىدىن XX-ئاينىڭ XX-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا ئۈندىدار دوسلار چەمبىرىكىگە ھەرقايسى جايلارنىڭ ساياھەت قىلىش ھەققى ھېساپلانغان ئېلان ۋە سەنياغا 6 كۈنلۈك ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىمەن دەپ ئېلان بېرىش ئارقىلىق زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ 10960.00يۈەن پۇلىنى ئۈندىدار ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان، بىرھەپتىدىن كىيىن 5200.00يۈەن پۇلنى ساياھەت ئەمەلدىن قالدى دەپ زىيانلانغۇچى ئاXXكە قايتۇرۇپ بەرگەن، قالغان 5760 يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېلىكتىرونلۇق ماددى ئىسپات تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار نXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار نXXنىڭ يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ باشقىلارنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كۆپ مىقداردىكى مال-مۈلىكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق قىلىش ھوقوقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جىنايىتىنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋپى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلەندى.
تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت
پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش نومۇرى: XXXX
(3) جىنايىتىنى تونۇش، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论