欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(努某某盗窃一案)(公开版)

2021-09-24 独角龙 评论0

            كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

                           ئەيىبلەشنامىسى

                                 ك  ش  ت  ج  ت  ئەيىبلەش  (2020)  1201-نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار نۇرxxxx ، ئەر،  xxxx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى : 6528011992xxxxxxxx ، ئۇيغۇر،سىياسى قىياپتى: ئامما ، تۇلۇقسىز  ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نۇپۇسى ۋە تۇتۇلوشتىن بۇرۇنقى  تۇرۇشلۇق ئورنى:xxx يىزا xxxxكەنت x-گۇرۇپ xx-نۇمۇر ،xxxx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى xxx شەھەرلىك خەلق سۇت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك  ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنىپ xxxx-يىلى xx-ئاينىڭxx-كۈنى جازا  مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن، مۇقۇم كەسپى يۇق. xxxx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇپ قويۇلوپ ، xxxx-يىلى xx-ئاينىڭ x-كۈنى  مەھكىمىمىز قۇلغا ئىلىشقا تەستقلىغان ،شۇ كۈنى xxx شەھەرلىك ج خ ئىدارسى قۇلغا ئېلشنى ئىجرا قىلغان .ھازىر كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى قاماقخانسىىدا قاماقلىق.

xxx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇدىلونى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، xxxx-يىلى xx-ئاينىڭx-كۈنى جاۋاپكارنىڭ ئوغورلوق قىلىش  جىنايىتى دىلوسىنى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز  2 تۇپلام دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ،دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق. 
  قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە :

     جاۋاپكار  نۇxxxx xxxx-يىلx-ئاينىڭ xx-كۈنى سائەت 12:30لەر ئەتراپىدا،ئۆزى يالغۇز ئوغورلوق قىلىش مەقستىدە ،  xxx شەھىرى xxxيىزا xxxكەنت x-گۇرۇپ xx-نۇمۇرلوق ئۆيدە ،ئادەم يۇقلىقىدىن پايدىلىنىپ ، زىيانلانغۇچى ھاxxxx ئۆزى ياتىدىغان ئۈيىدىكى كارۋات ئۈستىگە قۇيۇپ قۇيغان سۇمكىنىڭ ئىچىدىن  6.091گىرام ئەتراپىدىكى بىر جۇپ  سېرىق ئالتۇن ھالقا،بىر دانە 2.706گىرام ئەتراپىدىكى سىرىق رەڭلىك ئالتۇن ئۈزۈك ، بىر دانە 2.978گىرام ئەتراپىدىكى  سىرىق ئالتۇن ئۈزۈك،بىر دانە 1.214گىرام ئەتراپىدىكى  سىرېق ئالتۇن ئۈزۈك جەمئى 12.989گىرام ئىغىرلىقتىكى5714يۈەن قىممىتىدىكى   سېرېق  ئالتۇنلارنى   ئوغورلاپ چىقىپ، xxx شەھەر xxxx يۇلى xxxx دوكىنى خۇجايىنى لوخۇاپىڭ( ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان )گە ھەر گىرامىنى 390يۈەندىن جەمئى 4056يۈەنگە سېتېپ،بۇ پولدىن 856يۈەنگە كىيىم-كىچەك ئىلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن .دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ،ئىختىسادى زىيان يىغىپ كىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان .

  xxxشەھەرلىك  مال-باھاسىنى بىكتىش مەركىزىنىڭ 2020)108-نۇمۇرلوق باھالاش  يەكۈنىدە:  6.091 گىرام ئەتراپىدىكى  بىر جۇپ  سېرىق ئالتۇن ھالقىنى  2680 يۈەن ، 2.706 گىرام  ئەتراپىدىكى  سىرىق رەڭلىك ئالتۇن ئۈزۈكنى  1190 يۈەن ، بىر دانە 2.978گىرام ئەتراپىدىكى  سىرىق ئالتۇن ئۈزۈكنى 1310 يۈەن ،بىر دانە 1.214گىرام ئەتراپىدىكى سېرېق رەڭلىك ئالتۇن ئۈزۈكنى 534يۈەن دەپ   باھالىغان . ئوغورلوق ئومومى سۇممىسى 5714يۈەن .

      جاۋاپكارنىڭ  يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ،زىيانكەچلىىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۈرەتلىرى قاتارلىق دەلىل – ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

     يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ تۇپلىنىشى قانۇنلوق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ چىنلىققا ئىگە،ئەيىپلەنگەن پاكىتىنى تۇلوق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ، جاۋاپكارمۇ ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرىدە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بولوپ جازانى قۇبول قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار  نۇxxx قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، يۇشۇرۇن ئىگەنلىۋېلىش  ۋاستىسنى قوللۇنۇپ، ئوزى يالغۇز ، بىر قىتىمدا باشقىلارنىڭ5714يۈەن يۈئەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى ئوغۇرلىغان  مىقدارى كوپرەك قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 264 –ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولوپ ئوغورلوق قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار نۇxxxx تەكرار جىنايەت سادىر قىلغان بولوپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65-مادا بەلگۈلىمىسى بۇيىچە ئېغېر ياكى ئېغېرلىتىپ جازا بىرىش شەرتىگە ئويغۇن .جاۋاپكار جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان بولوپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ15-ماددىسىنىڭ بەلگۈلمىسى بۇيىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ ، شۇڭا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

                            كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىگە: 

                                        تەپتىش: خاسىيەت ئابدۇكىرىم    

                                  2020-يىلى  10- ئاينىڭ 29-كۈنى    

ئەسكەرتىش:

(1) جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى قاماقخانسىىدا قاماقلىق  . 

 (2) تەھقىقلەش ئارخىۋى ئىككى توپلام ، 10 نۇسخا ئەيپلەشنامە بىرگە يوللاندى.

  (3)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش تىلىخىتىدىن بىر نۇسقا يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top