欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(努某某等4人盗窃案)

2021-09-24 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

xxشەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                        ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 544-نۇمۇرلۇق

xx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

     1. جاۋابكار xx، ئەر، ئۇيغۇر، 22 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى : xxxxxxxx652901199 ، توللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: xx شەھرى،xx شەھەر xx بازىرى 16- كەنىت 3- مەھەللە 115- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تامچى، 2016-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىپ جازاسى 1 يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغان . 2020-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2020- يىل 7- ئاينىڭ 17- كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان . 

     2. جاۋابكارxx، ئەر، ئۇيغۇر، 20 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامە نۇمۇرى : xxxxxxxx 6529262000 ، تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى :xx ناھىيەسى، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى: xx شەھىرى تەجىربە ئورمان مەيدان 8-ئەترەت، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن.

    3. جاۋابكار xx، ئەر، ئۇيغۇر،   18ياش، سالاھىيەت گۇۋاھنامە نۇمۇرى: xxxxxxxxx65292620، تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جاي : xx بازىرى 3-كەنىت 2-گورۇپ 47-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى: xx شەھىرى xx سانائەت رايۇنى xx توقۇمچىلىق زاۋۇتى، ئىشچى،  ئىلگىرى  جازالانمىغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەنxشەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن.

    4. جاۋابكار xx، ئەر، ئۇيغۇر، 19 ياش، سالاھىيەت گۇۋاھنامە نۇمۇرى :06529xxxxxxxx ، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، xx شەھەرىxx16-دادۈي 3 شودۈي 138-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەنxx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن.

xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى (2020) 851-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق- مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

    جاۋابكار xx، xx، xx، xx قاتارلىقلار 2020- يىل 6-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ 17 لار ئەتىراپىداxx شەھەر xx سانائەت رايونىxx شەھەرچىسى بىنانىڭ يېنىدىكى كەچلىك بازاردىن چىقىپ، زىيانلانغۇچى xx شۇ يەرگە توختۇتۇپ قۇيۇلغان توكسىكىلىتىنى كۆرگەندىن كىيىن جاۋابكار xx توكسىلىلىتنى ئوغۇرلاپ كىتىش تەكلىبىنى بەرگەندە جاۋابكار xx، xx، xx ۋە xx (قۇرامىغا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن دىلودىن ئايرىۋىتىلگەن) قاتارلىقلار توكسىكىلىتىنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ كىتىش مەسلىھەتىگە قۇشۇلۇپ، زىيانلانغۇچى xx ئاق رەڭلىك، گوۋىي ماركىلىق 3686 يۈەن قىممىتىدىكى توكسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ ھەيدەپ كەتكەن ھەم ئوغۇرلغان توكسىكىلىتنىڭ قۇلپىسنى توقسۇن بازىرىنىڭ ئالدىكى توكسىلىكت سېتىش دۇكىنىدا ئالماشتۇرۇپ، توك قاچىلاپ ھەيدەش ئۈچۈن ئوغۇرلىغان توكسىكىلىتنى قىزىل كۆۋرۈككە ئاپىرىپ توكقا چېتىپ قويغان . دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

مەھكىمىمىز جاۋابكار xx، xx، xx، xx قاتارلىقلارنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار xxز،xx، xx، xx قاتارلىقلارنىڭ قىلىمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار xx،xx، xx، xx قاتارلىقلارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 25- ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

تەپتىش: ھۈxx

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋابكارxx ,xx شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .جاۋابكارxx،xx،x قاتارلىقلارئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى : 1759067xxxx، 

 2 . 23 نۇسخا ئەيىبنامە، تۆت نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى،بىر نۇسخا ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى،بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر  توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top