شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕 685- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار نx،ئايال، ئۇيغۇر، 1994-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان. كىملىك نۇمۇرى: **********6531271994،تۇلۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق،شىنجاڭ مەكىت ناھىيسىدىن،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى: *** ناھىيە*** يېزا ***-كەنت ***-گۇرۇپ***-نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان،
ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بىرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕218-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار نxنىڭ ئالدامچىلىق جىنايى دېلوسىنى 2020- يىلى6– ئاينىڭ 4-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
1. جاۋابكار نx 2019-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، ئۈندىدار توپىدا بانكا ئىناۋەت كارتىسى بېجىرىش ۋە ئىناۋەت كارتىسىنىڭ سوممىسىنى ئۆستۈرۈش،توردا قەرز بېجىرىش مەزمۇندا ئۇچۇر تارقاتقان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى زىيانلانغۇچى ئېx ئۈندىدار توپىدا، جاۋابكار نx تارقاتقان ئۇچۇرنى كۆرۈپ، توردا قەرز بېجىرىش ئۈچۈن ئۈندىدار توپىدىن نxنىڭ ئۈندىدارنى قوشقان ۋە ئۇنىڭغا 50 مىڭ يۈەن قەرز بېجىردىغانلىقىنى دىگەن، نx قەرزنى بېجىرىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، قەرز پۇلىنىڭ 24 سائەت ئىچىدە چۈشىدىغانلىقىنى، قەرزنى 3 يىل ئىچىدە قايتۇرسا بۇلىدىغانلىقىنى دەپ، ئېxنىڭ يانفۇن نۇمۇرى، كىملىك، بانكا كارتىسىنىڭ نۇمۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرنى ئەۋەتكۈزگەندىن كىيىن، قەرز بېجىرىش ئۈچۈن ھىچقانداق مەشخۇلات قىلماي، ئېxنى ئالداپ پۇلىنى ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە، ئالدىن رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرۇشنى باھانە قىلىپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈندىدار ئارقىلىق ئېxنىڭ 2500 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلۋالغان، شۇنىڭ بىلەن نx، ئېxنىڭ ئۈندىدارىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋەتكەن. ئېرىشكەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
2. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى زىيانلانغۇچى قx ئۈندىدار توپىدا، جاۋابكار نx تارقاتقان بانكا ئىناۋەت كارتىسى بېجىرىش ۋە ئىناۋەت كارتىسىنىڭ سوممىسىنى ئۆستۈرۈش، توردا قەرز بېجىرىش مەزمۇندىكى ئۇچۇرنى كۆرۈپ، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش مەقسىتىدە ئۈندىدار توپىدىن نxنىڭ ئۈندىدارنى قوشقان ۋە ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەن سوممىسىدىكى ئىناۋەتلىك كارتا بېجىردىغانلىقىنى دىگەن، نx بېجىرىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ 3 كۈن ئىچىدە قۇلىغا تىگىدىغانلىقىنى دەپ، قx يانفۇن نۇمۇرى، كىملىك، بانكا كارتىسىنىڭ نۇمۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرنى ئەۋەتكۈزگەندىن كىيىن، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش ئۈچۈن ھىچقانداق مەشخۇلات قىلماي، قxنى ئالداپ پۇلىنى ئېلۋېلىش ئۈچۈن، ئالدىن رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرۇشنى باھانە قىلىپ، قxنىڭ 100 يۈەن پۇلىسىنى ئۈندىدار ئارقىلىق ئالداپ ئېلۋالغان، شۇنىڭدىن كىيىن نx ئۇچۇر قايتۇرماي ئالاقىسىنى ئۈزىۋەتكەن. ئېرىشكەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
3. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى زىيانلانغۇچى رx ئۈندىدار توپىدا، جاۋابكار نxتارقاتقان بانكا ئىناۋەت كارتىسى بېجىرىش ۋە ئىناۋەت كارتىسىنىڭ سوممىسىنى ئۆستۈرۈش، توردا قەرز بېجىرىش مەزمۇندىكى ئۇچۇرنى كۆرۈپ، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش مەقسىتىدە ئۈندىدار توپىدىن نxنىڭ ئۈندىدارنى قوشقان ۋە ئۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەن سوممىسىدىكى ئىناۋەتلىك كارتا بېجىردىغانلىقىنى دىگەن. نx بېجىرىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، 12 سائەت ئىچىدە ئىناۋەتلىك بانكا كارتىسىنىڭ بېجىرگەنلىك ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ بىرىدىغانلىقىنى دەپ، رxنىڭ يانفۇن نۇمۇرى، كىملىك، بانكا كارتىسىنىڭ نۇمۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرنى ئەۋەتكۈزگەندىن كىيىن، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش ئۈچۈن ھىچقانداق مەشخۇلات قىلماي، رxنى ئالداپ پۇلىنى ئېلۋېلىش ئۈچۈن، ئالدىن رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرۇشنى باھانە قىلىپ، رxنىڭ 500 يۈەن پۇلىسىنى ئۈندىدار ئارقىلىق ئالداپ ئېلۋالغان، شۇنىڭ بىلەن نx، رxنى ئۈندىداردىن يۇيىۋەتكەن، نx ئېرىشكەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
4. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى زىيانلانغۇچى نx ئۈندىدار توپىدا، جاۋابكار نxتارقاتقان بانكا ئىناۋەت كارتىسى بېجىرىش ۋە ئىناۋەت كارتىسىنىڭ سوممىسىنى ئۆستۈرۈش، توردا قەرز بېجىرىش مەزمۇندىكى ئۇچۇرنى كۆرۈپ، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش مەقسىتىدە ئۈندىدار توپىدىن نxنىڭ ئۈندىدارنى قوشقان ۋە ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەن سوممىسىدىكى ئىناۋەتلىك كارتا بېجىردىغانلىقىنى دىگەن. نx بېجىرىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، 8 كۈن ئىچىدە ئىناۋەتلىك كارتىسىنىڭ بېجىرىلىدىغانلىقىنى دەپ، نxنىڭ يانفۇن نۇمۇرى، كىملىك، بانكا كارتىسىنىڭ نۇمۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرنى ئەۋەتكۈزگەندىن كىيىن، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش ئۈچۈن ھىچقانداق مەشخۇلات قىلماي، نxنى ئالداپ پۇلىنى ئېلۋېلىش ئۈچۈن، ئالدىن رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرۇشنى باھانە قىلىپ، نxنىڭ 500 يۈەن پۇلىسىنى ئۈندىدار ئارقىلىق ئالداپ ئېلۋالغان. ھەمدە زىيانلانغۇچى نxنى ئۈندىداردىن يۇيىۋەتكەن. ئېرىشكەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
5. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا زىيانلانغۇچى شx ئۈندىدار توپىدا، جاۋابكار نxتارقاتقان بانكا ئىناۋەت كارتىسى بېجىرىش ۋە ئىناۋەت كارتىسىنىڭ سوممىسىنى ئۆستۈرۈش، توردا قەرز بېجىرىش مەزمۇندىكى ئۇچۇرنى كۆرۈپ، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش مەقسىتىدە ئۈندىدار توپىدىن نxنىڭ ئۈندىدارنى قوشقان ۋە ئۇنىڭغا 50 مىڭ يۈەن قەرز بېجىردىغانلىقىنى دىگەن. نx بېجىرىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى دەپ، شxنىڭ يانفۇن نۇمۇرى، كىملىك، بانكا كارتىسىنىڭ نۇمۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرنى ئەۋەتكۈزگەندىن كىيىن، توردا قەز بېجىرىدىغان ھىچقانداق مەشخۇلات قىلماي، شxنى ئالداپ پۇلىنى ئېلۋېلىش ئۈچۈن، ئالدىن رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ جەمئى 3 قېتىمدا شxنىڭ 2200 يۈەن پۇلىسىنى ئۈندىدار ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان. شۇنىڭدىن كىيىن نx زىيانلانغۇچى شxغا ئۇچۇر قايتۇرماي ئالاقىسىنى ئۈزىۋەتكەن. ئېرىشكەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
يىغىنچاقلىغاندا،جاۋابكار نx ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىپ بېرىمەن دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،5 نەپەر زىيانلانغۇچىلارنىڭ 5800يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بۇلۇپ،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك، جاۋابكار نxنىڭ يۇقارقى قىلمشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار نx «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا1-تارماق،67-ماددا3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى
قوشۇمچە : 1) جاۋابكار نxكاپالەتچىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە .
2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى،9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى،ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论