ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 1-ب ج ئە﹝2020﹞174–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار نۇ****، ئايال، ئۇيغۇر، 1999-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى شىنجاڭ *** ناھىيسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6531261999، ئالى تېخنىكوم مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسىپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنى *** يولى ***-نۇمۇر *-بىنا *-دەنيۈەن ***-ئۆي. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىز ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار نۇ****نىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 8–ئاينىڭ 24-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئوقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇكات) نىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈندىن، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، جاۋابكار نۇ**** ئۈندىداردا «بانكا قەرزى، ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىمەن» دەپ ئېلان چىقىرىپ، ئا***، قە***، مە*** قاتارلىق سەككىز نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئۆزىنىڭ **** نۇمۇرلۇق ئۈندىدارىغا قۇشۇپ، قەرز پۇل بېجىرىپ بېرىمەن دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ، «قەرز پۇل بېجىرىش رەسمىيەت ھەققى» ئۈچۈن يۇقارقى سەككىز نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن ئۈندىداردا ھېساۋات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆپ قېتىمدا جەمئى 9100 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. جاۋابكار نۇ****نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى ئىسپاتى؛
2. ئۈندىداردا پاراڭلىشىش ۋە ھېساۋات يۆتكەش خاتىرىسى؛
3. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛
4. جاۋابكار نۇ****نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار نۇ****نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار نۇ****نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، پاكىت ئويدۇرۇپ، كۆپ قېتىمدا خۇسۇسىيلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: قۇدۇس قاسىم
تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت
2020–يىلى 9–ئاينىڭ 23–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1.جاۋابكار نۇ**** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3- قاماقخانىدا قاماقتا.
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ج خ دېلوسى 4 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش كېپىللىك خېتىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论