خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2019) 596-نومۇرلۇق
جاۋابكار ن**(ئەسلى ئىسمى ن**، ئەر، ئۇيغۇر، 1966-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان،كىمىلىك نۇمۇرى: ********6528271966،تۇلۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، **،دىلو پاش بۇلۇشتىن بۇرۇن **ناھىيە ** ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى،** ناھىيە ** بازىرى ** ئاھالىلىكلەر كومىتىتى ** خىزمەت گۇرۇپپىسى گۇرۇپ باشلىقى، ** ئاھالىلىكلەر كومىتىتى **-شۇجىسى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ **ناھىيە **بازىرى ** شەرقى يولى **-ھويلا **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇر،2019-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن يۇشۇرۇش، قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، شۇكۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان،جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھىيە ** بازىرى ** ئولتۇراق رايونى**-بىنا **-كورپۇس**-نۇمۇر، ھازىر خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
جاۋابكار ن**نىڭ ئالدامچىلىق دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ2019-يىلى6–ئاينىڭ6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن 2019-يىلى6 –ئاينىڭ 7-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى، 2019-يىلى 12–ئاينىڭ5-كۈنى جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى،ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار ن** بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى ئىمزالاندى،جاۋابكارن** مەزكۇر دىلودا ئاددىي تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆم**(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان، كىملىكتىكى ئىسمى ئىم**)ئاپتۇموبىل نومۇرى 新M***** بولغان فاڭيۈەن تىپلىق يۈك ئاپتۇموبىلىنى (ئەينى ۋاقتىداC3 تىپلىق پىراۋىسى بار) ** ناھىيە ** كەنت **-گۇرۇپپا ئالدى چوڭ يولىدىن شىمال-جەنۇپ يۆلىنىشكە قاراپ كىتىۋاتقاندا، م** ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىنى ھەيدەپ كەنتنىڭ T شەكىلىك يول ئېغىزدىن چىقىپ، T شەكىلىك يول ئېغىزىدا يۈك ئاپتۇموبىلى بىلەن ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت ئۆز ئارا سۇقۇلۇپ كىتىپ، م**نىڭ نەق مەيداندا ئېغىر زەخمىلىنىشدەك قاتناش ھادىسى كىلىپ چىققاندىن كىيىن، ئۆ** م**نى دوختۇرخانىغا ئاپارغان. جىددىي قۇتقۇزغاندىن كىيىن، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي م**ئۈلۈپ كەتكەن. 新M***** نۇمۇرلۇق فاڭيۈەن تىپلىق يۈك ئاپتۇموبىلىنىڭ سۇغۇرتىسى بولمىغاچقا ئۆ** جاۋابكار ن**نىڭ新M***** نۇمۇرلۇق بولغان كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلىنى ئارىيەتكە ئېلىپ،ئاب** (ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىندى) قا جاۋابكار ن**نىڭ ئاپتۇموبىلىنى ھەيدىتىپ،ساختا قاتناش ھادىسى يۈز بەرگەن نەق مەيداننى ياسىغان ،شۇ كۈنى جاۋابكار ن**ساختا نەق مەيدان ياسىغان ئەھۋاللاردىن تۇلۇق خەۋەردار بولغان. 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى خېجىڭ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ سۇغۇرتا شىركىتىنى 311918(ئۈچ يۈز ئون بىر مىڭ توققۇزيۈز ئون سەككىز) يۈەننى تۆلەشكە بۇيرىغان. جاۋابكار نۇ**مۇ جاۋابكار سالاھىيىتىدە ھەق-تەلەپ سوتىغا قاتنىشىپ باشقىلارنىڭ سوغۇرتا تۆلىمىنى ئالداپ ئېلىشىغا داۋاملىق ياردەم قىلغان. سۇغۇرتا شىركىتى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ بىر ئادەمنىڭ بېقىش ھەققىنى ئارتۇق ھېسابلاپ قويغانلىقىنى ئاغزاكى ئىنكاس قىلىپ، ئىزچىل سۇغۇرتا تۆلىمىنى تۆلىمىگەن. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى جاۋابكار ن** خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ بېرىپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكارن**باشقىلارنىڭ ساختا پاكىت ئويدۇرۇپ، باشقىلارنىڭ مال- مۈلىكنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ياردەم قىلغان، سوممىسى ناھايىتى كۆپ، قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.
جاۋابكار ن**لار بىلەن بىرلىشىپ دىلو سادىر قىلغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 25-ماددىسى 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئورتاق جىنايەتچىگە تەۋە.
جاۋابكار ن** ئۆز ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان سەۋەبلەر بىلەن مەقسىتىگە يىتەلمىگەن بولغاچقا، جىنايەت ئەمەلگە ئاشمىغان ھېسابلىنىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 23-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يىنىك ياكى يىنىكلىتىپ جازا بىرىلسە بولىدۇ ، شۇڭا جاۋابكار ن**نى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەركىنجان تۇردى
2019-يىلى12-ئاينىڭ9-كۈنى
قوشۇمچە:
1) جاۋابكار خېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2) دېلو ئارخىۋى بىر توپلام.
3) جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تېلختى بىر پارچە .
4)ئەيىپنامە 8نۇسخا .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论