欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(努xx)

2021-09-23 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                       غ ن ت 1- بۆلۈم ئەيىپلەش[2020] xx-نومۇرلۇق

جاۋاپكار: نۇxx، ئەر، قازاق، xx–يىلىxx- ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، كەسپى دىھقان، كىملىك نومۇرى: xxxxxx65412119، نوپۇسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: xx ناھىيە xx مەيدانى xx-ئەترەتxx يولى xx-كوچا xx-نومۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان.

2020-يىلى1-ئاينىڭ30-كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك خ خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان. 2020-يىلى3-ئاينىڭ5-كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، 2020-يىلى3-ئاينىڭ5-كۈنى غ ن ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان. ھازىر غ ن قاماقخانىدا قاماقتا. 

بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى5-ئاينىڭ5-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار نۇxx 2020-يىلى1-ئاينىڭ28-كۈنى كۈندۈزى سىرتتا ئاغىنىلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ بىيجىڭ ۋاقتى 17لەردىن ئاشقان مەزگىلدە ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ مەسچىلىكتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يەنى ئايالى گۈxx(جاxx) بىلەن تۇرمۇشنىڭ كىچىك ئىشلىرى سەۋەپلىك جىدەللىشىپ، گۈxxىڭ باش قىسىمى، يۈز تەرىپىگە شاپىلاق، مۇش بىلەن قالايمىقان كۆپ قىتىم ئۇرغان. تاياق زەربىسىدىن تاپسىدا يىتىپ قالغان گۈxxىڭ قورساق قىسىمىغا ئاياق كىيىۋالغان پۇتى بىلەن بىرنى دەسسىۋەتكەندىن كىيىن، گۈxxىڭ چېچىدىن تارتىپ ئۆزى تەرەپكە قارىتىپ، تىزى بىلەن گۈxxىڭ پىشانىسىگە ئىككىنى دىسلىۋەتكەن.

 ئىلى ئوبلاسىتلىق ج خ ئىدارىسى ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ (2020) 1-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق جەسسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسىدە: ئۆلگۈچى گۈxx ھايات ۋاقتىدا مىڭە ئاستى بىزى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ قىتىم باش-يۈز قىسىمى تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىدە مىڭە ئاستى بىزى ئۆسمىسى  يېرىلىپ قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان مىڭىگە كىرىپ، مىڭە-يۇلۇن سۇيۇقلىقىنىڭ ئايلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، جىددىي خارەكتىرلىك مىڭىگە سۇ يىغىلىش، مىڭە سۇ ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا باش سۈڭىكى بىسىمى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ئۆلۈپ كەتكەن، دەپ باھالاپ بىكىتكەن. 

يوقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.​ يازما ئىسپات؛

2.​ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى؛

3.​ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4.​ ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى

5.​ باھالاش پىكىرى

   مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:

جاۋاپكار نۇxxنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۈxxنى ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرۈپ ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ234-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست. جاۋاپكار دىلۇ پاش بولۇشتىن بۇرۇن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. جىنايىتىنى تونۇش، تاپشۇرۇش پوزىتسىيىسى ياخشى. شۇڭا جاۋاپكارنۇxxكە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 234-ماددا 2-تارماق، 67-ماددا بەلگىلىمىسى جازا  بىرىشىڭلارنى سوراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن

غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: ئەسئەت، مىرزەكرەم

       2020-يىلى8-ئاينىڭ20-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.​ جاۋاپكار قولغا ئېلىنغان، ھازىر غ ن قاماقخانىدا قاماقتا.

2.​ دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى بىلەن گۇۋاھچىلار تىزىملىكى قوشۇپ يوللاندى.

3.​ 2توپلام دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار كۆپەيتىلمىسى قوشۇپ يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top