ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 14–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار قەيسەر قاسىم، ئەر، ئۇيغۇر، 1994-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501021994، ئالىي تېخنىكۇم مەدەنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: **شەھەر **رايونى **يولى **-نومۇر **-بىنا **-كورپۇس **-نومۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھەر **رايونى **يولى **-نومۇر **-بىنا **-كورپۇس **-نومۇر. 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر يېڭى شەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن 4ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بېرىلىپ قوشۇمچە 2000يۈەن شتراف قويۇلغان، 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. بۇ قىتم جىنايەت تاپاۋىتىنى يوشۇرۇش جىنايىتى بىلەن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق جىنايەت تاپاۋىتىنى يوشۇرۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.2019-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار قەيسەر قاسىمنىڭ جىنايەت يولى ئارقىلىق ئېرىشكەن تاپاۋەتنى يوشۇرۇش،پەردازلاش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 12–ئاينىڭ 21-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1.جاۋابكار قەيسەر قاسىم 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاب**ئال** (ئايرىم دىلۇدا بىر تەرەپ قىلنغان) لاردىن 2675يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە سەنشىڭ ماركىلىق ئېس 9 تىپلىق قول تېلىفۇن بىلەن 1610يۇەن قىممىتىدىكى ئالما ماركىلىق مىنى 3-ئەۋلاد تۈز تاختىلىق كومپىيوتىرنىڭ ئوغىرلاپ كېلىنگەن زاڭ مال ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەرزان باھادا سېتىۋالغان.
2. جاۋابكار قەيسەر قاسىم 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاب**ئال**(ئايرىم دىلۇدا بىر تەرەپ قىلنغان) لاردىن 325يۇەن قىممىتىدىكى بىردانە ئوپپۇ ماركىلىق ئا 5 تىپلىق قول تېلفۇننىڭ ئوغىرلاپ كېلىنگەن زاڭ مال ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەرزان باھادا سېتىۋالغان.
جاۋابكار قەيسەر قاسىم 2 قېتىمدا جەمئى 4610يۇەن قىممىتىدىكى زاڭ مالنىڭ ئوغۇرلاپ كېلىنگەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغان بۇنىڭ ئىچىدە 2675يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە سەنشىڭ ماركىلىق يانفۇن قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
جاۋابكار قەيسەر قاسىم 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تەڭىرتاغ رايۇنى جوڭسەن يولى جوڭسەن تىلىفۇن بازىرى ئەتىراپىدا تىيانشان رايۇنلۇق ج خ شۆبىسى تەرىپىدىن ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ كېلىنگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار قەيسەر قاسىمنىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
3. جاۋابكار قەيسەر قاسىمنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛گۇۋاھچى ئال** بىلەن ئاب**لارنىڭ گۇۋاھلىقى ؛
5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار:جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى، تونۇتۇش خاتىرىسى، جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى:
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار قەيسەر قاسىمنىڭ جىنايەت ئۆتكۇزۇش يولى بىلەن ئېرىشكەن جىنايەت تاپاۋەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، پايدا ئىلىش مەقسىتىدە، زاڭ مال سېتىۋالغانلىق قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 312–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، جىنايەت يولى ئارقىلىق ئېرىشكەن تاپاۋەتنى يوشۇرۇش،پەردازلاش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى: مەردان ھۈسەنجان
2020–يىلى 1–ئاينىڭ 10–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1.جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى2 توپلام بىرگە يوللاندى؛
3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋەجازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى؛
4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论