欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(卡某某、艾某某诈骗案)

2021-09-23 尘埃 评论0

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ ش س ت 1- بۆلۈم ج ئى ئە چ [2020] يىللىق **- نومۇر

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ق**، ئەر، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ******654101196808، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادرېسى: شىنجاڭ ** شەھىرى ** يېزىسى ** جەنۇبىي كوچىسى **- كوچا **- نومۇر، ئۈرۈمچى شەھىرىدە مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق ئورنى يوق. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىز ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 

جاۋابكار ئە**، ئەر، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ****** 652421196501، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادرېسى: شىنجاڭ ** شەھىرى ** يېزىسى **كوچىسى **-نومۇر، تۇتۇلىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى «**» چاچ ياساش ئورنىدا تۇرۇشلۇق. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىز ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ق** بىلەن ئە **نىڭ ئالدامچىلىق جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى جاۋابكارلارغا بەھرىمان بولۇشقا تىگىشلىك بارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقىپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارلار دېلونى ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ق** بىلەن جاۋابكار ئە** باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىش مەقسىتىدە، جاۋابكار قە** چەتئەللىك قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنى تەرجىمان بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىشقا، جاۋابكار ئە** زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنى بۇ چەتئەللىكنىڭ ساتماقچى بولغان ساختا تاش بىلەيزۈكىنى يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئېلىشىپ بەرسە پايدىسىنى بېرىپ ئالىدىغان خېرىدار قىياپىتىگە كىرىۋىلىشقا مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئايرىم-ئايرىم 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى سودا شەھىرىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچى م** ئوغلىنىڭ 1700 يۈەن پۇلىنى، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 13- كۈنى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ت** قىزىنىڭ 800 يۈەن پۇلىنى، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى «**» سودا بازىرىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى م** قىزىنىڭ 500 يۈەن پۇلىنى، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى سودا شەھىرىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچى گ** قىزىنىڭ 1400 يۈەن پۇلىنى،  2020- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ب** قىزىنىڭ 1000 يۈەن پۇلىنى،  2020- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** ئاياق شەھەرچىسىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچى س** ئوغلىنىڭ 1000 يۈەن پۇلىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالداپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن، جاۋابكارلار بۇ ئالداپ ئالغان پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن. 

دېمەك، جاۋابكار ق** بىلەن ئە** بىرلىشىپ 6 قېتىم ئالدامچىلىق دېلوسى سادىر قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى: 6400 يۈەن.

يۇقارقى پاكىتلار تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:

(1)​ يازما دەلىل-ئىسپات: جاۋابكلارلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى، دېلوغا كېلىش جەريانى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر؛

(2)​ زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دېلو، مەلۇم قىلىش ماتېرىيالى ۋە ئۇلاردىن گەپ سوراش خاتىرىسى؛

(3)​ جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى؛

(4)​ ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛

(5)​ ئۈن-سېن ماتېرىيالى؛

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيكتىپ راست، جاۋابكارلارنىڭ جىنايى پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ، جاۋابكارلار ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا پىكرى يوق، ھەمدە جخنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ق** بىلەن ئە** نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، بىرلىشىپ، كۆپ قېتىم باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇلىنى ئالداپ ئالغان قانۇنسىز قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىغا ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارلارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭلارغا ئەيىبلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جاۋابكارلار بىرلىشىپ جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن سىلەرنىڭ جاۋابكارلارنىڭ جىنايىتىگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 25-ماددىسىنى قوشۇپ تەتبىقلاپ جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۈرمەت بىلەن:

تەپتىش: دۆلەت چاغاتاي

تەپتىش ياردەمچىسى: سەيپىدىن ئابدۇرېھىم

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى

ئەسكەرتىش:

(1)​ جاۋابكارلار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-قاماقخانىسىدا قاماقتا.

(2)​ تەھقىقلەش دېلوسى 2 توپلام، 4 دانە سېن دېسكىسى، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبنامىسى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى، جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ جازانى قوبۇل قىلىش رەسمىيەتلىرى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top