欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(卡某某交通肇事案)

2021-09-20 独角龙 评论0

تۇرپان شەھىرى

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                            

                                      ئى ر ت ئە چىقىش (2020) 107- نومۇرلۇق

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

  جاۋاپكار قXX، ئەر، ئۇيغۇر، 9019-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6521011990********، نوپوسىدىكى ئادرىسى: تۇرپان شەھىرى ** رايۇنى **بازىرى ** كەنىت -**نۇمۇرلۇق ئۆي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان(**پويىز ئىستانسىدا توختاملىق ئىشچى) ، بۇرۇن جازالانمىغان، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر ئىدىقۇت رايۇنلۇق قاماقخانىدا قاماقتا.

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار قXXنىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دىلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

مەھكىمىمىز قانون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە : 

2019-يىلى -10ئاينىڭ -31كۈنى، سائەت 20دىن 30مىنوت ئۆتكەندە، جاۋاپكار قXX 新K***** نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى ھەيدەپ، ** رايونى** بازىرى **ئاھالىلەر كومىتىتى ** يولىنى بويلاپ شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ، **يولى ** گۇروھىنىڭ ئىسكىلاتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئوخشاش يۆلىنىشتە شەرىقتىن غەرپكە قاراپ كىتىۋاتقان ليۇXX ۋە تاڭXX بىلەن سۇقۇلغان، نەتىجىدە ليۇXX يارلىنىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىش، تاڭXX يارلىنىش، قاتناش ۋاستىلىرى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. 

يۇقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

نەق مەيداننى تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، سۈرەتلىرى ،  گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جەسەت تەكشۈرۈش پىكىرنامىسى، ئالاقىدارلارنىڭ پىراۋىسىنىڭ توردىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھەم قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ توردىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى، يول قاتناش ھادىسە ئېتراپنامىسى، يازما ئىسپات قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بۇلۇپ ئاساسلىنىشقا بۇلىدۇ، ئەيىبلەنگەن جىنايى قىلمىشنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار قXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ماشىنا ھەيدەپ، باشقىلارنىڭ ئۆلىشىنى، يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دىلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت. جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» 133-ماددىسىنىڭ، 67-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                                       تەپتىش : پاتىگۈل خالىق                      

                                   2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى

قوشۇمچە:

1.جاۋاپكار قXX ئىدىقۇت رايۇنلۇق قاماقخانىدا قاماقتا. 

2. ئۆلگۈچى لىيۇXXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن زىيانلانغۇچى تاڭXXنىڭ جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق-تەلەپ ئەرزى بار بۇلۇپ، دىلو بىلەن قوشۇپ يوللاندى.

3. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 3 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 16 نۇسخا، 2 دانە دېسكا قاتارلىقلار بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top