欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(卡某某危险驾驶案)(公开版)_焉耆县人民检察院

2021-09-24 独角龙 评论0

焉耆县人民检察院 

起 诉 书

焉检一部刑诉〔2020〕24号 

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ق ت ب ب ج ئەيىبلەش[2020] -نومۇرلۇق

قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

جاۋابكار قانامەلۇم، ئەر، ئۇيغۇر، 1997-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6528261997، دېھقان نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: قارا شەھەر ناھىيە ** يېزسىى ** كەنتى **-گۇرۇپپا**-نومۇر. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى قاراشەھەر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەشكە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

جاۋابكار قانامەلۇم خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقۇقىنىڭ بارلىغى ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى. جاۋابكار مەزكۇر دېلودا تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

2019يىلى 09-ئاينىڭ 02-كۈنى سائەت 03:10مىنۇتلار ئۆتكەندە X269-لېنىيە 2كىلومېتىرقوشۇلغان800مېتىر يول بۆلىكىدە، قانامەلۇم ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز新**** 新28-2نومۇرلۇق چوڭ تىپتىكى تراكتورنى ھەيدەپ ماڭغاندا، مەشغۇلات مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن تراكتور ئۆزلۈكىدىن ئۆرۈلۈپ كېتىپ قانامەلۇمنىڭ يارىلىنىشى، قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلۇشىدەك قاتناش ھادىسىسى سادىر بولغان، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش يەكۈنىدە جاۋابكار قانامەلۇمنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 199مىللىگىرام ئىسپىرت ماددىسى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپات، باھالاش پىكرى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. بىكىتىشكە بولىدۇ.

يۇقىرىقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ھەقىقىي، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار قانامەلۇم ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشنى ئىقرار قىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار قانامەلۇم قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىنىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ ئىچىدىكى 1-تارماقچىسىىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن

قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

تەپتىش: غالىپ مەمەت

ئاينۇر راخمان

2020-يىلى 04-ئاينىڭ 21-كۈنى

قوشۇمچە:(1) جاۋابكار قانامەلۇم ئائىلىسىدە كىپىلدە. (2)بارلىق دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام. (3) كېپىللىك خېتى بىر پارچە. (4) ئوپتېك دېسكا بىر پارچە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top