شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۆلۈم ئە چىقىش (2020) 196-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار:قا**،ئەر،ئۇيغۇر، 19**-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:6521221 *******94711 ،پىچان ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق . تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان.2019-يىلى- 11 ئاينىڭ 11- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ -25كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا كىپىللىككە بىرىلگەن.
پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار قا**نىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 24- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق .دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
-2019 يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۇنى سائەت 04دىن 37 مىنۇت ئۇتكەندە جاۋاپكار قا** ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新K**9 نۇمۇرلۇق « ** »ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ مىڭىپ پىچان ناھىيە **يۇلى ** ئالدى يول بۇلىكىگە كەلگگەندە،ماشىننى يول بويىغا توختۇتۇپ قويۇپ ،ماشىننىڭ قول تورمۇزىنى تارتمىغان ھالەتتە ئۇخىلىغان .شۇ سەۋەبىدىن ماشىنا مىڭىپ كىتىپ يول يۇيىدىكى تاشقا سۇقۇلغان،نەتىجىدە ھادىسدە ئادەم يارلانماي قاتناش ۋاستىسى زىيانغا ئۇچۇراشتەك قاتناش ھادىسى يۈز بەرگەن .
شىنجاڭ خېڭ جىڭ ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] **-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دۇكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا :قا**دىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى166.1mg/100ml دەپ يەكۇن چىقارغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1.مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 3. باھالاش يەكۈنى؛ 4. نەق مەيدان ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرە- سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار قا**ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. جاۋابكار تېز كىسىم چىقىرش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلىدۇ.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار قا**دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.
جاۋابكار ق**جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار قا**غا 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ قوشۇمچە شىتىراپ قويۇپ جىنايى جازاسىنى كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ.
جاۋابكار قا**نىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋابكار قا**ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.تىلفون :1339995****.
1. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىبنامە 18نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىنى قوبۇل قىلىش تىلخىتى بىر پارچە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论