كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىبلەش (2020) 39-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار قXX، ئايال، 1999-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX 6528011999 ، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، سىياسى قىياپىتى: ئامما، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى: شىنجاڭ كورلا شەھىرى تېكىچى يېزىسى XX كەنتى XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر، ھازىر تۇرۇشلۇق ئادرىسى: كورلا شەھىرى XX ئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كورپوس XX-ئۆي، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان، ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىغا قاماقلىق.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار قXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 08-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەم پۈتۈن دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۇپ دىلودا دەلىل-ئىسپات تولۇقلاش زۇرۇرىيىتى بار دەپ قاراپ دىلونى ئىككى قېتىم كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشى ئۈچۈن قايتۇردۇق، بۇ جەرياندا دىلو بىجىرىش سۇرىگىنى 3 قېتىم ئۇزارتتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار قXX 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى زىيانلانغۇچى ئىXX (بۇرۇنقى ئوغۇل دوستى) بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككىسى بىللە ياتاققا قايتىش يولىدا، زىيانلانغۇچى ئىXX ماگزىندىن نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ ئۈندىداردا پۇل تۆلىۋاتقاندا، يانفون ئېكران مەخپى نۇمىرى بىلەن ئۈندىداردىكى پۇل تۆلەش مەخپى نومۇرىنى ئوغۇرلۇقچە كۆرۈۋالغان، ئىككىسى بىللە كورلا شەھەر قاتناش شەرقى يولدىكى لۈ دۇ مىھمانخانىسىغا كىرىپ، زىيانلانغۇچى ئىXX ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتكەن ۋاقىتتا، جاۋاپكار قXX، زىيانلانغۇچى ئىXXنىڭ يانفۇنىنى ئېلىپ، ئۈندىدار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا دەسلەپتە 10مىڭ يۈەننى قىزىل بولاق ئارقىلىق يۆتكەپ ئوغۇرلىغاندىن كىيىن، ئۈندىداردىكى پۇل يۆتكىگەن خاتىرىسى بىلەن ھېسابات خاتىرىسىنى يۇۋەتكەن، كىيىن جاۋاپكار قXX مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىپ، تىلىفۇننى ئىشلىتىپ تۇراي دىگەندەك باھانىلەر بىلەن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 2019-يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، زىيانلانغۇچى ئىXXنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرستىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ جەمئى 360000 يۈەن نەق پۇلىنى ئوغۇرلاپ ئېلىۋالغان، ئوغۇرلىۋالغان پۇلنىڭ، 12 مىڭ يۈەنگە كورلا شەھەر جۈچۇ (聚融) ئولتۇراق رايونىدىن بىر يۈرۈش ئۆينى ئىجارە ئېلىپ خەجلىگەن، ھازىرقى ئوغۇل دوستى يXXكە بىر دانە كىچىك تىپتىكى BYD ماركىلىق ماشىنا ئېلىپ بەرگەن، ئۆزىنىڭ نامىدىكى يىزا-ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتىسغا 24300يۈەن ساقلاپ قويغان، قالغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى قالايمىقان خەجلەپ تۈگەتكەن، كورلا شەھەرلىك مال-باھا ئىسپات مەركىزىنىڭ [2020] 75-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە، بىر دانە كىچىك تىپتىكى BYD ماركىلىق ماشىننىڭ 2019-يىلى 9–ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى باھاسىنى 18000 يۈەن (ئون سەككىزمىڭ) دەپ باھالاپ بىكىتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن بىر دانە كىچىك تىپتىكى BYDماركىلىق ماشىنا، 24300 يۈەن نەق پۇل قايتۇرۇپ كىلىنىپ زىيانلانغۇچىغا قايتۇرۇلغان. دىلونىڭ قىممىتى: 360000 يۈەن.
جاۋاپكار قXXنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنىڭ ئومۇمى قىممىتى 360000 (ئۈچ يۈز ئاتمىش مىڭ) يۈەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپاتلار، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار قXX ئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار قXX قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، يۇشۇرۇن مەخپىي ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ، باشقىلارنىڭ 360000 (ئۈچ يۈز ئاتمىش مىڭ) يۈەن نەق پۇلىنى ئوغىرلىۋالغان بۇلۇپ، مىقتار پەۋقۇلئاددە كۆپرەككە تەۋە قىلمىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسگە ئاساسەن، جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : يۈسۈپجان مەھەممەت
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئەسكەرتىش:
(1) جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا .
(2) تەھقىقلەش ئارخىۋى 2 توپلام، 10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论