欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(卡某某涉嫌盗窃案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-23 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕XX号 

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

   ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ                                       ئەيىبنامىسى 

ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2020)XX–نومۇرلۇق 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار قXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXX، XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار قXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق داۋا ھوقوقلىرىنى ۋە جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت

جاۋابكار قXX 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 12:00 لەر ئەتراپىدا ئىنىسى تXXنىڭ ئۆيىدىن پىيادە كەنىت كومىتىتىغا دىجۈرنىلىك قىلغىلى مېڭىپ XX يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللىدىكى ئەXXنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۆزى بىلەن بىر مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى سXX ۋە تXX، ئەXX قاتارلىقلارنىڭ پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى ھەمدە سXXنىڭ ئەXX بىلەن تXXغا «ئۆيدە ئازراق پۇل يىغىپ قويغان، شۇ پۇلغا ماشىنا ئالاي دەيمەن»دېگەن گەپنى قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ كەنىت كومىتىتىغا بېرىپ دۈجۈرنىلىك قىلغىلى بارغان، كېيىن ئوغۇرلۇق قىلىش نىيتىگە كېلىپ 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى ئەتىگەن سائەت 2:30 ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى سXXنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا كىرىپ سXXنىڭ مېھمانخانا ئۆيىدىكى ياغاچ ساندۇقنىڭ ئىچىدىن 42900 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ چىقىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ يوشۇرۇپ قويغان. 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى ئۆزىنىڭ ئوغۇرلۇق قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ XX ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا ئەترىتىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

   يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار قXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار قXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىندۇ، جاۋابكار قXX جىنايەت سادىر قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقوقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جىنايىتىنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋپى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلەندى.

تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت

پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئىزاھات: (1) 12نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش نومۇرى XXXX

               (3) جىنايىتىنى تونۇش، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top