欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(卡某某盗窃案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                  ئۈ ش س ت ت 1- باشقارما [2020] يىللىق **-نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  جاۋابكار ك**، ئەر، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501021989، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇس تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادېرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئادېرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايۇن ** كوچىسى **-نۇمۇر ** رايۇن **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، قوشۇمچە 10000 يۈەن شىتىراپ قويۇلغان. بۇ قېتىم 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئوغرىلىق جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىپ قويۇلغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئوغرىلىق جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويچە توختىتىپ قويۇلغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق  شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى سايباغ رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئائىلىسىگە كېپىلگە بىرىلگەن .

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ك** نىڭ ئوغرىلىق جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا بارلىق دەۋا ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق، جاۋابكار ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت ئېچىش تەرتىپىگە قوشۇلدى.

مەزكۇر دېلو 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 1-قېتىم تەھىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھىقلىشىگە قايتۇرۇلدى . 

 قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

    جاۋابكار ك** 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر سائەت 50: 05 لەر ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايۇنى ** يولدىكى ** ئاشخانسىنىڭ ئىچىدىكى**  ئورۇندىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلنىپ ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان قىممىتى 2494 يۈەنلىك قارا رەڭلىك ئالما X ماركىلىق يان تېلفونىنى ئوغرىلاپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن ئوغرىلانغان يان تېلفۇن قايتۇرۇپ كېلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بىرىلگەن.

يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:

(1) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتېرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

(2) يازما ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، دېلوغا كېلىش جەريانى، تەكشۈرۈش گۇۋاھنامىسى، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، قايتۇرۇپ بىرىش تالونى، تونۇتۇش خاتىرسى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ 2009-يىللق **-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى، ئۈرۈمچى شەھىرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2009-يىللق **-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار كېسمنامىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 3-تۈرمسىنىڭ 2016-يىللىق 165-نۇمۇرلۇق قويۇپ بىرىش گۇۋاھنامىسى، جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلش كاپالەتنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسملەر؛ 

(3) باھالاشنامە: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مال-باھا بىكىتىش مەركىزىنىڭ [2019]**-نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنى ۋە باھالاشنامە ئۇقتۇرۇشنامىسى؛

(4) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى؛

(5) جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ؛

(6) ئۈن-سېن ماتېرىيالى؛

 مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ك**نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلۈكىنى ئوغرىلاپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان قانۇنسىز قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق. سىلەرنىڭ جاۋابكارنىڭ جىنايىتىگە قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

                          

 

 ھۆرمەت بىلەن:

                        تەپتىش: خۇرشىدە ئۆمەر

                  تەپتىش ياردەمچىسى: يۈسۈپجان جۈمە

                   2020-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى

ئەسكەرتىش:

(1) جاۋابكار ئائىلىسىدە كېپىلدە  ئالاقىلشىش تېلفون نۇمۇرى: **؛ 

(2) تەھقىقلەش دېلوسى 3 توپلام، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبنامىسى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى، 7 دانە سىن دېسكىسى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلشنامىسى بىر نۇسخا بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top