ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 2-ب ج ئە﹝2020﹞26–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار كا**، ئەر، ئۇيغۇر، 2000-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى **شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:******** 6501022000، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى **رايۇنى **يولى **كوچىسى **-نۇمۇر **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆي. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار كا**نىڭ زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 7–ئاينىڭ 14-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. ئارىلىقتا دېلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرىكىنى قانۇن بويىچە بىر قېتىم ئۇزارتتۇق(2020-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە).
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 17 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار كا**، **رايۇنى **يولى ‹** رىستۇرانى›نىڭ ئالدىدا، زەھەرلىك بويۇم سېتىۋالغۇچى ئا**گە ئاق رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان بىر كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك ئۇششاق ياپراقسىمان گۇمانلىق بويۇم(ناتاشا)نى 150 يۈەنگە سېتىپ بەرگەندىن كىيىن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
جاۋابكار كا** ئا**گە سېتىپ بەرگەن بىر كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك گۇمانلىق بويۇم(ناتاشا)نىڭ ئېغىرلىقىنى قانۇن بويىچە ئۆلچەش، تەركىبىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساپ ئېغىرلىقىنىڭ 0.424 گىرام ئىكەنلىكى، تەركىبىدە 3،3-دىمىتىل رادىكالى-2-مىتىل بوتىرات(باشقا ئىسمى: 5F-ADB) تەركىبىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار كا**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، دېلوغا كىلىش(تۇتۇلۇش) جەريانى ئىسپاتى، ئۈندىدار پۇل ئاغدۇرۇش خاتىرىسى قاتارلىقلار؛
2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى ئا**، مى**لاردىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. جاۋابكار كا**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. ئاختۇرۇش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى؛
5. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇملارنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بويۇمنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: تونۇتۇش سۆرەتلىرى، تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەمىنلىگەن چۈشەنچە ئىسپاتى قاتارلىقلار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار كا**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار كا**نىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، ساپ ئېغىرلىقى 0.424 گىرام بولغان بىر بولاق زەھەرلىك بويۇم ‹ناتاشا›نى باشقىلارغا ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: قۇددۇس قاسىم
تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت
2020–يىلى 8–ئاينىڭ 29–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار كا** ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛
2. مەھكىمىمىزنىڭ 9 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتىدىن بىر نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى)، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش پىكىرنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论