欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(卡某某)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                       غ ن ت 1- بۆلۈم ئەيىپلەش[2020] 103-نومۇرلۇق

جاۋاپكار: كا**، ئەر، قازاق، ****–يىلى**- ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، كەسپى يەككە تىجارەتچى، كىملىك نومۇرى: 654125********4234، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: كۈنەس ناھىيە ** يىزىسى**كەنىت ** گۇرۇپپا ** يولى **-نومۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: غۇلجا ناھىيە ** يىزا ** كەنىت، ئىلگىرى جازالانمىغان.

2019-يىلى10-ئاينىڭ25-كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك خ خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان. 2019-يىلى11-ئاينىڭ8-كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. 2019-يىلى11-ئاينىڭ9-كۈنى غ ن ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان. ھازىر غ ن قاماقخانىدا قاماقتا. 

بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى1-ئاينىڭ10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار كا** 2019-يىلى10-ئاينىڭ5-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 22 لەر بىلەن غ ن ئەۋلىيا يىزا بازىرىدىكى تاللا بازىرىنى تاقاپ، ئاغىنىسى د** ئىككىسى تاللا بازىرىنىڭ ئىچىدە ئۈچ بۇتۇلكا كىچىك لاۋجىياۋ ھارىقى ئىچكەندىن كىيىن ئىككىسى بىللە ئەۋلىيا بازىرىدىكى ئى**نىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ ئۇ يەردە ئازراق ھاراق ئىچىپ 2019-يىلى10-ئاينىڭ6-كۈنى سەھەر سائەت 3 لەر بىلەن ئۇ يەردىن قايتىپ د** ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن. كا** ئۆزىنىڭ ئەۋلىيا يىزىدىكى ئۆيىگە بىرىپ يوتقان كۆرپىسىنى ئىلىپ دۇكىنىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان ماشىنىنىڭ ئىچىگە سىلىپ ھاجەت قىلىش ئۈچۈن دۇكاننىڭ كەينى تەرىپىگە ئۆتۈپ ھاجەت قىلىپ قايتىپ كىلىۋاتقاندا سە**نىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدىكى سۇلياۋ بىلەن ئوراپ قويغان يەرنى ئىچىپ چىقىۋاتقانلىقىنى قولىدا بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ‹‹ توختا ›› دەپ ۋارقىرىغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سە** توختىمىغاندىن كىيىن كا** كەينىدىن قوغلاپ بىرىپ قۇلۇستى كەنىتنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولنىڭ ئۈستىدە سە**نى تۇتىۋىلىپ ئوڭ قول مۇشتى بىلەن سە**نىڭ ئوڭ تەرەپ كۆزنىڭ يۇقىرسىغا (چىكىسى) بىر مۇش ئۇرغاندا سە** قارماي يولغا سول تەرەپ يانچە يىقىلىپ چۈشكەن. كا** قولىدىكى پىجۇنى يەرگە قويغاندىن كىيىن يەردە ياتقان سە**نىڭ بىشىغا ئۈچ تۆتنى دەسسىۋىتىپ يەردىكى پىجۇنى ئىلىپ دۇكىنىغا ئاپىرىپ قويۇپ قويۇپ دۇكاننىڭ ئالدىدىكى پىكا ماشىنىدا ئۇخلاپ قالغان. 2019-يىلى10-ئاينىڭ6-كۈنى سائەت 5 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە زىيانكەشلىكە ئۇچرىغۇچى سە** غ ن ئەۋلىيا يىزا خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ساقچى پۇنكىتىغا بارغاندا ساقچى پۇنكىتىدىكى ئى** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سە**نىڭ باش، يۈز-كۆزلىرىنىڭ قان بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سە**نى يىتەكلەپ غ ن ئەۋلىيا يىزا قۇلۇستى كەنىتنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يىنىغا ئاپىرىپ كەنىتنىڭ قوغداش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان دىجۇرنى ئادەمگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. سە** كەنىتنىڭ ئىشىك ئالدىدا يىتىۋىلىپ ئۆيىگە كەتمەي شۇ يەردە ئۇخلىغان. كەنىتنىڭ رەھبەرلىرى سە**نى ئىلى ئوبلاسىتلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا ئىلىپ بارغان. سە** 2019-يىلى10-ئاينىڭ6-كۈنىدىن 2019- يىلى10-ئاينىڭ22-كۈنىگىچە ئىلى ئوبلاسىتلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىپ ياخشى بولالمىغاچقا سە**نىڭ ئاكىسى ئى**، سە**نى ئۆيىگە ئىلىپ چىقىپ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. 2019-يىلى10-ئاينىڭ24-كۈنى چۈش سائەت 15 دىن 20 مىنۇتلار ئۆتكەندە سە** ئۆلۈپ قالغان. 

يوقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.​ يازما ئىسپات؛

2.​ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى؛

3.​ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4.​ ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى

5.​ باھالاش پىكىرى

   مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:

جاۋاپكار كا**نىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سە**نى ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرۈپ ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ234-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست. جاۋاپكار دىلۇ پاش بولغاندىن كىيىن جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. جىنايىتىنى تونۇش، تاپشۇرۇش پوزىتسىيىسى ياخشى. شۇڭا جاۋاپكار كا**گە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 234-ماددا2-تارماق، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى جازا  بىرىشىڭلارنى سوراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن

غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: ئەسئەت، مىرزەكرەم

       2020-يىلى7-ئاينىڭ20-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.​ جاۋاپكار قولغا ئېلىنغان، ھازىر غ ن قاماقخانىدا قاماقتا.

2.​ دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى بىلەن گۇۋاھچىلار تىزىملىكى قوشۇپ يوللاندى.

3.​ 3توپلام دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار كۆپەيتىلمىسى قوشۇپ يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top