شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت 2-بۆلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020) 464 - نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار گXX، ئايال، ئۇيغۇر، 36 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011983XXXXXXXX، يۇرتى XXشەھىرى، XXشەھىرى XXيېزا XX كەنىت XX-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى (2020) 697-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
XX-يىلى X-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت XXدىن XXمىنۇت ئۆتكەن ئەتراپىدا، جاۋابكار گXX ا新NXXXX نۇمۇرلۇق «SS» ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئاپتومبېلنى (ئاپتوموبېلدا ئاXX،مىXX،ئەXX،مXX ئولتۇرغان) ھەيدەپ، ناھىيە يولىX300لىنيەسىدە شىمالدىن–جەنۇپقا قاراپ سۈرئەت ئاشۇرۇپ (بەلگىلەنگەن سۈرئەت40km/h، ئەمىلىي سۈرئەت83km/h) مېڭىپ، 3 كىلومىتىر+700مىتىرلىق بۆلىكىدە ئالدىدىكى ئاپتوموبېلنى يانداش جەريانىدا يول ئىگەللەپ ماڭغانلىق سەۋەبىدىن قارشى يۆنلىشتە، جاۋابكار مXX سۈرئەت ئاشۇرۇپ (بەلگىلەنگەن سۈرئەت40km/h،ئەمىلىي سۈرئەت66km/h) ھەيدەپ ماڭغان新NXXXXنۇمۇرلۇق «XX»ماركىلىق كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىل (ئاپتوموبېلدا تXX،دXX،يXX ئولتۇغان) بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن، نەتىجىدە ئاXX نەق مەيداندا قازا قىلغان، مXX، تXX، دXX يارلانغان، ئىككى قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان يول قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتى جاۋابكار گXX ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مXX ھادىسىنىڭ قۇشۇمچە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاXX، مىXX، ئەXX، مXX، تXX، دXX، يXXلار ھادىسىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش خۇلاسىسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار گXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش :تۇرسۇنئاي ئەخمەت
تەپتىش : ئالىمجان ئېزىز
2020- يىلى 9- ئاينىڭ 18-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论