شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ج ئى 2-بۆلۈم ئەيىبلەش (2020)490 -نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار گxx، ئايال، ئۇيغۇر، 31ياش، كملىك نومۇرى: xxxxxxxx 6529011989، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى xx بازىرى xx كەنىتى xx-گۇرۇپ xx-نومۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى02–ئاينىڭ 20-كۈنى قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلىكىگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار گxx 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 23:03 ئەتراپىدا 新N3xxxx-نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبېلىنى xx شەھىرى xx بازىرى xx يولىدا جەنۇپدىن–شىمالغا قاراپ سۈرئەت ئاشۇرۇپ ھەيدەپ مېڭىپ xx ئىدارسىنىڭ كەينىدىكى يول بۆلكىگە كەلگەندە ماتورلوق قاتناش ۋاستىسى يولىدا ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە يەردە ياتقان تxx بىلەن ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ئۆرە تۇرغان تxxنى سوقۇۋەتكەن. نەتىجىدە تxx نەق مەيداندا قازا قىلغان، تxx يارىلانغان، قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، يازما ئىسپات-ماددى ئىسپات، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار گxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133– ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق.
جاۋابكار گxx قىلمىشىنى تۇلۇق ئىقرار قىلىپ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ۋە بېرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ 1 يىل 6 كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ئالىمجان ئېزىز
تۇرسۇنئاي ئەخمەت
2020- يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە، ئالاقىلىشىش نۇمىرى: xxxx 1389925 .
1. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论