شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش ( 2019 )XX-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار گXX، ئايال، ئۇيغۇر، 28ياش، كىملىك نومۇرى: 65290119910XX، كەسپى ئىشچى، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئاقسۇ شەھىرى XX ئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كۇرپۇس XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇختۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
-2019يىلى -6ئاينىڭ -5كۈنى سائەت 23:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار گXX ئاقسۇ شەھەر XX كەينىدىكى كەچلىك بازاردا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 02:15لار ئەتراپىدا، شۇ ئەتراپقا توختۇتۇپ قويغان 新NEXX نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ، ئاقسۇ شەھەرلىك XX ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىكى دوقمۇشغا كەلگەندە قىزىل چىراق ساقلاپ تۇرغان بىر تاكسىنىڭ كەينىگە ئۈسىۋالغان، كېيىن ساقچىلار تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان .
تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار گXXىڭ 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 235.92 مىللىگىرام (235.92mg/100ml) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش -تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار گXXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىرىنچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگەخىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، شۇڭاجاۋابكار گXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، جاۋابكار گXXىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايتىگە 3 ئاي 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككەس سېلىش جازاسى بېرىش قۇشۇمچە 7مىڭ يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بېرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق، جاۋابكار گXXنىڭ«جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 172-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللۇنۇپ ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن تەكلىپ بېرىمىز.
تەپتىش: پەرھار چۇۋار
مۇۋاققەت تەپتىش: ئابدۇسالام تۇرسۇن
2019-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论