欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(古某某盗窃案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

 

             پىچان تەپتىش 1-بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020)     562  -نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  جاۋاپكار:  گۈ** ، ئايال، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى :X  652122199***004 ، پىچان ناھىيە ** بازار ** ئولتۇراق رايونى ** رايون **- بىنا **- كورپوس **- ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە  ئىگە، ئىشسىز، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئوغرىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى   پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلىككە بىرىلگەن، 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 22- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە قايتا كىپىللىككە بىرىلگەن.

      پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار گۈ**نىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020 - يىلى 7- ئاينىڭ 22- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،  دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

      مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى:

2020- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 10 لار ئەتراپىدا، جاۋاپكار گۈ** پىچان ناھىيە پىچان بازار مۇقام يولى ‹‹ خو خۇلى يەر ئاستى بازىرى ›› دىكى ئىش ئورنىغا كىلىپ، شۇ يەر ئاستى بازىرىنىڭ 6- ئىشىكىدىن چۈشكەن ئورۇندىكى كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە كىيىم يۆتكىگىلى كىرىپ، ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان پىچان ناھىيە ** بازار ** كەنت 1**- گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق مە**نىڭ  كىيىم يۆتكەش ئۆيىدىكى كارۋات ئۆستىگە قۇيۇپ قويغان سومكىسىنىڭ ئاغزىنىڭ ئۇچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئوغرىلىق قىلىش نىيىتىگە كىلىپ، ئۇ ئۆيدە ئادەم يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ، مە**نىڭ سومكىسىدىكى 2548 يۈەن قىممىتىدىكى بىر تال 7.28 گرام ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن زەنجىر بىلەن 200 يۈەن نەق پۇلىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ، ئالتۇن زەنجىرنى پىچان ناھىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىتىش بازىرىدىكى ئە**نىڭ ئالتۇن دۇكىنىغا ئاپىرىپ 3.37 گراملىق باشقا ئالتۇن جابدۇق بىلەن 1080 يۈەنگە تىگىشكەن ( دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋاپكار گۈ**زىياننى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرگەن ( 

       يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

      1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى؛ 3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛5. نەق- مەيدان تونۇتۇش خاتىرىسى؛ 6. باھالاش يەكۈنى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە جاۋاپكار گۈ** قانۇنسىز ئىلىۋىلىش قىلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ 2748 يۈەن قىممىتىدىكى پۇل- مېلىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ ئۇغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راست ۋە تۇلۇق، جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار گۈ** جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارمىقى، » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاشقا تېگىشلىك. شۇڭا جاۋاپكار گۈ**غا 6 ئايلىق مۇدەتلىك قاماق جازاسى بىرىپ قوشۇمچە جەرىمانە قويۇش جازا تەكلىپىنى بېرىپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى

ئىزاھات :

1.​ جاۋاپكار  گۈ** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.

2. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2   توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام ،ئەيىبنامە 10 نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخىتى 1 پارچە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top