شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت ئە چىقىش (2020) 55- نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار گۈXX، ئايال، ئۇيغۇر، 8619-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6521011986********، تۇرۇشلۇق ئادرىسى: تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونى ** يولى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، سىياسى قىياپىتى: ئامما، ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان، ئوقۇتقۇچى. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار سۈپىتىدە توختىتىلىپ قويۇلغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ [2019]254-نومۇرلۇق قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش قارارنامىسىغا ئاساسەن 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار گۈXXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلسا كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىندىغان تۈزۈم قوللىنىپ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋاپكار بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ۋە جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۆۋەندىكىچە :
1. 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-كۈنگىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، ئىدىقۇت رايونى ** يېزا ** جايلاشقان باقمىچىلىق مەيدانىغا ھۆكۈمەتتىن تۇلۇقلىما ئالىدىغانغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۋالاي، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ئىدىقۇت رايونى **ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدىكى تاللا دۇكىنىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى يېXXنىڭ 40000 يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
2. 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، ئىناۋەتلىك كارتامغا قەرز قايتۇرىۋالاي، مەبلەغ ئايلاندۇرۋالاي، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ئىدىقۇت رايونى ** ئولتۇراق رايونىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى دۇXXنىڭ 30000يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
3. 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، بالامنىڭ كۆزىنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرمەن، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ئىدىقۇت رايونى تۇڭلوۋەن تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى لۇXXنىڭ 12000 يۈەن پۇلىنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
4. 2017-يىلى 8-ئايدىن 2017-يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، بانكا ئىناۋەتلىك كارتامنىڭ قەرزىنى قايتۇرىۋالاي، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ئىدىقۇت رايونى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ماXXنىڭ 5000 يۈەن پۇلىنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
5. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، ** يېزىسدىكى كوپراتىپتىن تولۇقلىما كەلمەكچى، مەبلەغ يۈرۈشتۇرۋالاي، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، **كوچىسىنىڭ ** تاللار بازىرىنىڭ ئالدىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى لىXXدىن 30000 يۈەن پۇلىنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
6. 2014-يىلى 5-ئايدىن 2015-يىلغىچە ئارلىقتا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، ئاپامنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىمەن، باقمىچىلىق مەيدانىغا مەبلەغ يۈرۈشتۇرۋالاي، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تاXXدىن 180000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
7. 2017-يىلى9-ئايدا،جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، ئىناۋەتلىك كارتىغاجىددى پۇل لازىم بولۇپ قالدى، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ئىدىقۇت رايونى ئىدىقۇت يولى سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ئالدىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى ماXXىن 23000يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
8. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، بانكا ئىناۋەتلىك كارتىغا پۇل قايتۇرۋالاي، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ** رايونى ** ئولتۇراق رايوننىڭ ئارقا ئىشىكىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچى ساXXدىن 25500 يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
9. 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، بانكا ئىناۋەتلىك كارتىغا پۇل قايتۇرمەن، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ** يېزا ** كەنىت ** -گۇرۇپپىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى ماXX دىن 37000 يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
10. 2017-يىلى 8-ئايدا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، بانكا ئىناۋەتلىك كارتىغا پۇل قايتۇرمەن ھەم ئىدىقۇت رايونى ئ** يېزا ** جايلاشقان مېۋىلىك باغقا ھۆكۈمەتتىن تۇلۇقلىما كېلىدۇ،مەبلەغ يۈرۈشتۈرۋالاي دەپ ئالداپ، ئىدىقۇت رايونى ** يولى ** ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى تىXXدىن 70000 يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
11. 2012-يىلى 2-ئايدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، تاكسى رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىمەن، مېۋىلىك باغقا ھۆكۈمەتتىن تۇلۇقلىما كېلىدۇ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۋالاي دەپ ئالداپ، ئىدىقۇت رايوندا زىيانغا ئۇچرىغۇچى قاXXىن 50000 يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
12. 2015-يىلى 6-ئايدىن 2016-يىلى 1-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، بانكا ئىناۋەتلىك كارتىغا پۇل قايتۇرمەن، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ئىدىقۇت رايونى غ** يولى **ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى يېزا ئامانەت قەرىز كوپىراتىۋنىڭ ئالدىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى شXXدىن 26000 يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
13. 2015-يىلى 7-ئايدا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، ئاپام دوختۇخانىدا يېتىپ قالدى، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ** ناھىيە ** يېزا **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ ئالدىدا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئەXXدىن 117000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
14. 2014-يىلى 8-ئايدىن 2014-يىلى 9-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، قەرز بىجىرمەن، ماشىنا سېتىۋالمەن، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ئىدىقۇت رايۇنى ** بازار ** كەنىت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ ئالدىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى پاXXدىن 32000يۈەن پۇل ۋە 32200 يۈەن قىممىتىدىكى 115.08گىرام سېرىق ئالتۇن جابدۇقلارنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
15. 2015-يىلى 5-ئايدىن 2015-يىلى 6-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، قەرىز بېجىرىمەن، ئىناۋەتلىك كارتىغا پۇل قايتۇرىمەن، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ئىدىقۇت رايونىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئاXXدىن 40000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
16. 2019-يىلى 2-ئايدا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ۋۇXX بىلەن ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى باھانە قىلىپ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەندىن كىيىن، ۋۇXXنىڭ ساغلاملىق مەركىزىدە پۇل بەرمەي ھەرخىل مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولغان، جاۋابكار گۈXX ۋۇنانىڭ ساغلاملىق مەركىزىدە 7700يۇەن قىمىتىدە پۇل خەجلەپ، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، تا ھازىرغىچە ھىسابات قىلمىغان .
17. 2018-يىلى 10-ئايدا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باقمىچىلىق مەيدانى ۋە بانكا ئىناۋەتلىك كارتىغا قەرىز قايتۇرمەن، بانكا كارتا توڭلاپ قالدى، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، تۇرپان شەھەر **باللار باغچىسىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى گۈXXدىن 122000 يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
18. 2018-يىلى 8-ئايدا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، ئوزىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىغا مەبلەغ يىتىشمەسلىك ۋە بانكا ئىناۋەتلىك كارتىغا قەرىز قايتۇرۇشنى باھانە قىلىپ، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ئىدىقۇت رايونى ** بارىرىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى مەXXدىن 18000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
19. 2014-يىلى 7-ئايدا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، بانكا ئىناۋەتلىك كارتىغا قەرىز قايتۇرىمەن، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ئىدىقۇت رايۇنى ** ئولتۇراق رايۇنى ئالدىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى ۋاڭXXدىن 19200 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
20. 2018-يىلى 1-ئايدا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، بانكا ئىناۋەتلىك كارتىغا قەرىز قايتۇرىمەن، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ئىدىقۇت رايونى ** بازاردا زىيانغا ئۇچرىغۇچى ۋېيXXدىن 22800 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
21. 2018-يىلى 3-ئايدا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، ماشىنىغا باج تولەيمەن ۋە بانكا ئىناۋەتلىك كارتىغا قەرىز قايتۇرمەن، پۇلنى بىرقانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، زىيانغا ئۇچرىغۇچى جاڭXXدىن ئىدىقۇت رايونى **بازىرىدا 30000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
22. 2016-يىلى 8-ئايدا، جاۋابكار گۈXX باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قالدى، پۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە قايتۇرىمەن دەپ ئالداپ، ئىدىقۇت رايونىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى گۇXXنىڭ ئاتىسى ياXXدىن200000 يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا خەجلەپ تۈگەتكەن.
يۇقارقىلارنى ئوموملاشتۇرغاندا، جاۋابكار گۈXX ئاللىبۇرۇن باشقىلارغا نۇرغۇن پۇل قەرز بولۇپ كېتىپ، بۇ ھەق-تەلەپ دەۋا ئىشلىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، 2014-يىلدىن تا ھازىرغىچە يەنە داۋاملىق ھالدا، بانكا ئىناۋەتلىك كارتىغا پۇل قايتۇرىمەن، باقمىچىلىق رايونىغا ھۆكۈمەتتىن تۇلۇقلىما ئېلىش ئۈچۈن مەبلەغ يىغىمەن، مېۋىلىك باغقا ھۆكۈمەتتىن تۇلۇقلىما ئالىمەن، باشقىلارغا ياردەملىشىپ ئىش بېجىرىپ بېرىمەن، ئاپامنى داۋالىتىمەن دېگەنگە ئوخشاش يالغان باھانىلەر بىلەن باشقىلارنى ئالداپ باشقىلاردىن پۇل قەرز ئېلىپ، 22 نەپەر زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ جەمئىي 1137200 يۈەن پۇلىنى ۋە 32200 يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇن جابدۇقلىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ باشقا شەخسىي قەرزلىرىنى قايتۇرغان ۋە ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە خەجلەپ تۈگەتكەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ۋە دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى؛ قەرز ھۆججىتى، بانكا ھېسابات خاتىرىسى، تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرىتى، ئۈندىداردا سۆزلىشىش خاتىرىسى، ئۈن-سىن دېسكىسى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە: جاۋابكار گۈXXنىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ باشقىلارنىڭ 1137200 يۈەن پۇلىنى ۋە 32200 يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇن جابدۇقلىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ باشقا شەخسىي قەرزلىرىنى قايتۇرغان ۋە تۇرمۇش خىراجىتىگە خەجلەپ تۈگەتكەن قىلمىشىدىن، ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 266-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا، جاۋابكارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : ئاينۇرگۈل ئەخمەت
2020-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
قوشۇمچە :
1. جاۋابكار گۈXX ئىدىقۇت رايونلۇق قاماقخانىدا قاماقتا.
2. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 8 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 8 نۇسخا، ئۈن-سىن دېسكىسى 1 دانە بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论