欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(古某某诈骗案)

2021-09-20 独角龙 评论0

    خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپنامىسى

                            خېجىڭ تەپتىش  بىرىنجى بۆلۈم جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020)87-نومۇرلۇق

جاۋابكارگۈ**،ئايال،ئۇيغۇر،2000–يىلى** –ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: *******6521222000، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇر،** مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،بۇرۇن جازالانمىغان،2020- يىلى3-ئاينىڭ19-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ  قۇيۇش قارار قىلىنىپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىجرا قىلىنغان،2020-يىلى 3-ئاينىڭ31-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش قارار قىلىنىپ ،2020-يىلى 4-ئاينىڭ1-كۈنى خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان ،تۇختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپپا،ھازىر خېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.   

جاۋابكارگۈ**نىڭ ئالدامچىلىق دىلوسى ئۈستىدە خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ2020-يىلى5-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلىرىگە ئاساسەن جاۋابكارغائاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ پىكرى ئاڭلاندى، جاۋابكارغا «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىللىك قىلىش تۈزۈمى»نى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى،نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكاربىلەن «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى» ئىمزالاندى، جاۋابكارمەزكۇر دىلودا ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

جاۋابكار گۈ** قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ئۈندىداردا تور سودىسى قىلىپ ئۆزىگە ھەقسىز ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىشنى باھانە قىلىپ باشقىلارنىڭ جەمئىي 25224.5(يىگىرمە بەش مىڭ ئىككى يۈز يىگىرمە تۈەن يۈەن بەغ مو)پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان:                                                             

     1) 2020-يىلى03-ئاينىڭ08-كۈنى جاۋابكار گۈ** يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ** نومۇرلۇق ئۈندىدار نومۇرىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى يۇشۇرۇپ ئۈندىدارغا ئەر كىشىنىڭ باش سۆرىتىنى ۋە باشقا ئىسىم (**)نى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ۋە ئۆزى قۇرغان سودا توپىدا ھەقسىز ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە ۋاكالەتچى بولغانلارغا ئۇلار  سېتىۋالماقچى بولغان ماللارنى ئەسلى كىرىش باھاسى بۇيىچە سېتىپ بىرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ زىيانلانغۇچى ئا** مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۈندىداردا ئۇنىڭغا يۆتكەپ بەرگەن 477(تۆت يۈز يەتمىش يەتتە)يۈەن پۇلىنى ئالداپ كەتكەن،ئارقىدىن زىيانلانغۇچىنى ئۈندىداردا قارا تىزىملىككە تىقىپ يۇيۋەتكەن.                                      

    2) 2020-يىلى03-ئاينىڭ10-كۈنى جاۋابكار گۈ** يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ** نومۇرلۇق ئۈندىدار نومۇرىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى يۇشۇرۇپ ئۈندىدارغا ئەر كىشىنىڭ باش سۆرىتىنى ۋە باشقا ئىسىم (**)نى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ۋە ئۆزى قۇرغان سودا توپىدا ھەقسىز ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە ۋاكالەتچى بولغانلارغا ئۇلار  سېتىۋالماقچى بولغان ماللارنى ئەسلى كىرىش باھاسى بۇيىچە سېتىپ بىرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ زىيانلانغۇچى م**نىڭ مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۈندىداردا ئۇنىڭغا يۆتكەپ بەرگەن 425(تۆت يۈز يىگىرمە بەش)يۈەن پۇلىنى ئالداپ كەتكەن،ئارقىدىن زىيانلانغۇچىنى ئۈندىداردا قارا تىزىملىككە تىقىپ يۇيۋەتكەن.                                                                    

    3)2020-يىلى03-ئاينىڭ11-كۈنى جاۋابكار گۈ** يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ** نومۇرلۇق ئۈندىدار نومۇرىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى يۇشۇرۇپ ئۈندىدارغا ئەر كىشىنىڭ باش سۆرىتىنى ۋە باشقا ئىسىم (**)نى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ۋە ئۆزى قۇرغان سودا توپىدا ھەقسىز ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە ۋاكالەتچى بولغانلارغا ئۇلار  سېتىۋالماقچى بولغان ماللارنى ئەسلى كىرىش باھاسى بۇيىچە سېتىپ بىرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ زىيانلانغۇچى گۈ**نىڭ مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۈندىداردا ئۇنىڭغا يۆتكەپ بەرگەن 2086(ئىككى مىڭ سەكسەن ئالتە)يۈەن پۇلىنى ئالداپ كەتكەن،ئارقىدىن زىيانلانغۇچىنى ئۈندىداردا قارا تىزىملىككە تىقىپ يۇيۋەتكەن.                                                                 

   4) 2020-يىلى03-ئاينىڭ11-كۈنىجاۋابكار گۈ**يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ** نومۇرلۇق ئۈندىدار نومۇرىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى يۇشۇرۇپ ئۈندىدارغا ئەر كىشىنىڭ باش سۆرىتىنى ۋە باشقا ئىسىم (**)نى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ۋە ئۆزى قۇرغان سودا توپىدا ھەقسىز ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە ۋاكالەتچى بولغانلارغا ئۇلار  سېتىۋالماقچى بولغان ماللارنى ئەسلى كىرىش باھاسى بۇيىچە سېتىپ بىرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ زىيانلانغۇچى ز**نىڭ مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۈندىداردا ئۇنىڭغا يۆتكەپ بەرگەن 775(يەتتە يۈز يەتمىش بەش)يۈەن پۇلىنى ئالداپ كەتكەن،ئارقىدىن زىيانلانغۇچىنى ئۈندىداردا قارا تىزىملىككە تىقىپ يۇيۋەتكەن.                                                                

   5) 2020-يىلى3-ئاينىڭ10-كۈنى جاۋابكار گۈ** يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ** نومۇرلۇق ئۈندىدار نومۇرىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى يۇشۇرۇپ ئۈندىدارغا ئەر كىشىنىڭ باش سۆرىتىنى ۋە باشقا ئىسىم (**)نى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ۋە ئۆزى قۇرغان سودا توپىدا ھەقسىز ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە ۋاكالەتچى بولغانلارغا ئۇلار  سېتىۋالماقچى بولغان ماللارنى ئەسلى كىرىش باھاسى بۇيىچە سېتىپ بىرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ زىيانلانغۇچى ئا**نىڭ مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەمدە ۋاكالەتچى بۇلۇش ئۈچۈن ئۈندىدارداجاۋابكارغا يۆتكەپ بەرگەن 15980(ئون بەش مىڭ توققۇز يۈز سەكسەن)يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،جاۋابكار گۈ** زىيانلانغۇچى ئا**غا ساختا تىز يوللانما نومۇرى ئەۋەتىپ سېتىۋالغان مېلىنى سېلىپ بەرمەي،ئارقىدىن زىيانلانغۇچىنى ئۈندىداردا قارا تىزىملىككە تىقىپ يۇيۋەتكەن.پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.                                                                       

   6) 2020-يىلى3-ئاينىڭ باشلىرى جاۋابكار گۈ**يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ ** نومۇرلۇق ئۈندىدار نومۇرىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى يۇشۇرۇپ ئۈندىدارغا ئەر كىشىنىڭ باش سۆرىتىنى ۋە باشقا ئىسىم (**)نى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ۋە ئۆزى قۇرغان سودا توپىدا ھەقسىز ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە ۋاكالەتچى بولغانلارغا ئۇلار  سېتىۋالماقچى بولغان ماللارنى ئەسلى كىرىش باھاسى بۇيىچە سېتىپ بىرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ زىيانلانغۇچى س**نىڭ مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەمدە ۋاكالەتچى بۇلۇش ئۈچۈن ئۈندىدارداجاۋابكارغا يۆتكەپ بەرگەن 780(يەتتە يۈز سەكسەن)يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،جاۋابكارگۈ**پۇلنى ئالغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچى س**غا ساختا تىز يوللانما نومۇرى ئەۋەتىپ سېتىۋالغان مېلىنى سېلىپ بەرمەي،ئارقىدىن زىيانلانغۇچىنى ئۈندىداردا قارا تىزىملىككە تىقىپ يۇيۋەتكەن.پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.                                                                       

   7) 2020-يىلى3-ئاينىڭ10-كۈنىجاۋابكار گۈ** يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ **نومۇرلۇق ئۈندىدار نومۇرىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى يۇشۇرۇپ ئۈندىدارغا ئەر كىشىنىڭ باش سۆرىتىنى ۋە باشقا ئىسىم (**)نى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ۋە ئۆزى قۇرغان سودا توپىدا ھەقسىز ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە ۋاكالەتچى بولغانلارغا ئۇلار  سېتىۋالماقچى بولغان ماللارنى ئەسلى كىرىش باھاسى بۇيىچە سېتىپ بىرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ زىيانلانغۇچى ھ**نىڭ مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەمدە ۋاكالەتچى بۇلۇش ئۈچۈن ئۈندىدارداجاۋابكارغا يۆتكەپ بەرگەن  3509(ئۈچ مىڭ بەش يۈز توققۇز)يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئالغاندىن كېيىن،جاۋابكار گۈ* زىيانلانغۇچى ھ**غا ساختا تىز يوللانما نومۇرى ئەۋەتىپ سېتىۋالغان مېلىنى سېلىپ بەرمەي،ئارقىدىن زىيانلانغۇچىنى ئۈندىداردا قارا تىزىملىككە تىقىپ يۇيۋەتكەن.پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.            

  8) 2020-يىلى3-ئاينىڭ11-كۈنى جاۋابكار گۈ** يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ **نومۇرلۇق ئۈندىدار نومۇرىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى يۇشۇرۇپ ئۈندىدارغا ئەر كىشىنىڭ باش سۆرىتىنى ۋە باشقا ئىسىم (**)نى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ۋە ئۆزى قۇرغان سودا توپىدا ھەقسىز ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە ۋاكالەتچى بولغانلارغا ئۇلار  سېتىۋالماقچى بولغان ماللارنى ئەسلى كىرىش باھاسى بۇيىچە سېتىپ بىرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ زىيانلانغۇچى ز**نىڭ مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەمدە ۋاكالەتچى بۇلۇش ئۈچۈن ئۈندىدارداجاۋابكارغا يۆتكەپ بەرگەن  707(يەتتە يۈز يەتتە)يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئالغاندىن كېيىن،جاۋابكار گۈ** زىيانلانغۇچى ز**غا ساختا تىز يوللانما نومۇرى ئەۋەتىپ سېتىۋالغان مېلىنى سېلىپ بەرمەي،ئارقىدىن زىيانلانغۇچىنى ئۈندىداردا قارا تىزىملىككە تىقىپ يۇيۋەتكەن.پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.  

9) 2020-يىلى3-ئاينىڭ12-كۈنى جاۋابكار گۈ** يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ **نومۇرلۇق ئۈندىدار نومۇرىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى يۇشۇرۇپ ئۈندىدارغا ئەر كىشىنىڭ باش سۆرىتىنى ۋە باشقا ئىسىم (**)نى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ۋە ئۆزى قۇرغان سودا توپىدا ھەقسىز ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە ۋاكالەتچى بولغانلارغا ئۇلار  سېتىۋالماقچى بولغان ماللارنى ئەسلى كىرىش باھاسى بۇيىچە سېتىپ بىرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ زىيانلانغۇچى ئا**نىڭ مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەمدە ۋاكالەتچى بۇلۇش ئۈچۈن ئۈندىدارداجاۋابكارغا يۆتكەپ بەرگەن  485.5(تۆت يۈز سەكسەن بەش يۈەن بەش مو) پۇلىنى ئالداپ ئالغاندىن كېيىن،جاۋابكار گۈ** زىيانلانغۇچى ئا**گە ساختا تىز يوللانما نومۇرى ئەۋەتىپ سېتىۋالغان مېلىنى سېلىپ بەرمەي،ئارقىدىن زىيانلانغۇچىنى ئۈندىداردا قارا تىزىملىككە تىقىپ يۇيۋەتكەن.پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.  

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپاتلار، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، ئۈندىدار پاراڭلىشش خاتىرىسى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكارگۈ** ئۆزى يالغۇز يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ  كۆپ قېتىمدا باشقىلارنىڭ25224.5(يىگىرمە بەش مىڭ ئىككى يۈز يىگىرمە  تۆت يۈەن بەش مو)پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بۇلۇپ،ئالدامچىلىق سوممىسى بىر قەدەر كۆپ،قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، قانۇن بويىچە ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكار گۈ**نى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

       ھۆرمەت بىلەن :

                          خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                                        تەپتىش: ئەركىنجان تۇردى

                                     2020-يىلى6-ئاينىڭ-29كۈنى

قوشۇمچە:

1) جاۋابكار گۈ** خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

2)دىلو ئارخىپى ئىككى توپلام، نۇر دىسكا بىر دانە.

3) ئەيىپنامە سەككىز نۇسخا.

4)جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى بىر نۇسخا

5)جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى بىر نۇسخا.

6) ئالماشتۇرۇش گۇۋاھنامىسى بىر نۇسخا .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top