欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(古某某运输毒品案)(公开版)

2021-09-23 独角龙 评论0

شىنجاڭ  ئۇيغۇر  ئاپتونوم  رايونى  ئۈرۈمچى  شەھىرى  

يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ  

ئەيىبنامىسى

 2020-ئۈ ش ي ت 1-بۆلۈم ج ئە 216-نومۇرلۇق

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

   جاۋابكار گۈ** ، ئۆزگەرتكەن ئىسمى ھۆ**، 1991-يىلى**ئاينىڭ **كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ******65311301991، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: قەشقەر شەھىرى مارالبېشى ناھىيىسى ** بازىرى ** يولى **نومۇر **زال **نومۇر، ئۈرۈمچىدە مۇقىم تۇرۇشلۇق ئورنى يوق، قەشقەر شەھىرى ** ناھىيىسى **ئاھالىلەر كومىتىتىدا ۋاقىتلىق خىزمەتچى. 

   جاۋابكار گۈ** 2013-يىلى5-ئاينىڭ12-كۈنى زەھەر توشۇش جىنايەت گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان، ھامىلدار بولغانلىقى ئۈچۈن ئەتىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن، كېپىللىك بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلماي قېچىپ يۈرۈپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، زەھەر توشۇش جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىتلغان، مەھكىمىمىز 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى زەھەر توشۇش جىنايىتى بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقۇرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونلۇق) شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، جاۋابكار گۈ** نىڭ زەھەر توشۇش دېلوسىنى مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىرىگە ئاساسەن، شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بۇ جەرياندا تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە تېگىشلىك تەرەپلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك    ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونلۇق) شۆبىسىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردۇق. بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈردۇق.

   جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددىي تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.

   تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   جاۋابكار گۈ** 2013-يىلى5-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىر دانە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىغا قاچىلانغان ئاق رەڭلىك ئۇنسىمان ماددىنى جىنسىي ئەزاسىغا يوشۇرۇپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، قول سومكىسىغا سېلىپ، كۈنمىڭ شەھىرىدىن**** قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارالىق ئايروپورتىغا كەلگەندە، ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تۇتۇلغان، جاۋابكار گۈ**  تۇتۇلغاندا ھامىلدار بولغانلىقى ئۈچۈن ئەتىسى كېپىلگە بېرىلگەن، كېپىللىك بەلگىلىمسىگە خىلاپلىق قىلىپ قېچىپ يۈرۈپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ج خ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇمنى تەكشۈرۈپ باھالاش مەركىزىنىڭ577-【2013】نومۇرلۇق زەھەرلىك بۇيۇمنى ئانالىز قىلىپ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، جاۋابكار گۈ** نىڭ يېنىدىن ئاختۇرۇپ تېپىلغان بىر دانە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىغا قاچىلانغان ئاق رەڭلىك ئۇنسىمان گۇمانلىق ماددىنى زەھەرلىك چېكىملىك خىروئېن، ئومۇمىي ئېغېرلىقىنى 100 گىرام دەپ باھالىغان. 

   دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار گۈ** ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.

   يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

   1. ماددىي ئىسپات: (ج خ ئورگىنى تۇتۇپ قالغان ماددىي بۇيۇم، ھۆججەت تىزىملىكى، زەھەرلىك چىكىملىكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تالونى)؛

   2. يازما ئىسپات: تۇتۇش جەريانى، ياش ئىسپاتى، نوپۇس ئۇچۇرى، دېلوغا ئائىت ئايروپىلان بېلەت، ج خ ئورگىنىنىڭ دېلوغا ئائىت ئەھۋال چۈشەندۈرۈشى، دېلوغا ئائىت سوت ھۆكۈمى، دېلوغا ئائىت دوختۇرخانىنىڭ دىئاگىنۇزى؛

   3. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى:

   4. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

   5.ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇمنى تەكشۈرۈپ باھالاش مەركىزىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى ئانالىز قىلىپ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

   7.ئاختۇرۇش خاتىرىسى، تونۇتۇش خاتىرىسى؛

   8. دېلوغا ئائىت سۈرەتلەر؛

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار گۈ** نىڭ كۆپ مىقداردىكى زەھەرلىك بۇيۇمنى يۆتكىگەن يۇقارقى قىلمىشىدىن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ347-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن زەھەر توشۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، جاۋابكارغا زەھەر توشۇش جىنايىتى بېكىتىپ قانۇن بويىچە جازا بېرىش كېرەك .

جاۋابكار گۈ* ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى« نىڭ 15-ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك.

جاۋابكار گۈ**قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى ئۈچۈن »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« نىڭ67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك.

شۇنىڭ ئۈچۈن جاۋابكار گۈ** نى »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى«نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازا بېرىشىگە ئەيىبلىدۇق. 

ھۆرمەت بىلەن: 

تەپتىش: ئېرپان ئەخمەت

كاتىپ: سۈرىيە پەرھات

2020–يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى

قوشۇمچە:

1. 9 پارچە ئەيىبنامە، ئۈچ توپلام ج خ دېلوسى، دېلوغا ئائىت بىر دانە يانفون بىرگە قوشۇپ يوللاندى. 

2. جاۋابكار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-قاماقخانىدا.

3. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش خېتى بىر پارچە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top