شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ئە چىقىش (2020)685-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار: گXX، ئايال، ئۇيغۇر ، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى، كىملىك نۇمۇرى: 3828 ******65212219، پىچان ناھىيە ** بازىرى **مەھەللە **-گۇرۇپ **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دىھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان ، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2020- يىلى 07- ئاينىڭ 18- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 27- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار گXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2020-يىلى 04-ئاينىڭ 23-كۇنى سائەت 04 دىن10 مىنۇت ئۇتكەندە، جاۋاپكار گXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، پىراۋىسىز ھالدا،« ** » ماركىلىق ،新A****نۇمۇرلۇق ،كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ، غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ يول يۈرۈپ، پىچان ناھىيە **يۇلى خەلققە قۇلايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقىلىپ تۇتۇلغان.
شىنجاڭ خۇاتۇڭ ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] 1861-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دۇكىلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا : جاۋاپكار گXXدىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى « mg/100ml228.58 »دەپ يەكۇن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى؛ 3. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان سۈرەتلېرى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار گXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار گXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، پىراۋىسىز ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىرى 1-تارماق 2-تۈر بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.
جاۋاپكار گXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار گXXغا 4ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ،جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ۋە قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ.
جاۋاپكار گXXنىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا
2020- يىلى10- ئاينىڭ 26- كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋاپكار گXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى: ****1327995.
2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا ،ئۈن -سىن دېسكىسى بىر دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论