博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2020〕156号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 156 -نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ت**، ئەر ، ئۇيغۇر، 1984-يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نومۇرى :6527011984********، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسگە ئىگە، دېھقان، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : بورتالا شەھەر ** يىزا ** كەنت ** يۇلى**نۇمۇر، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەر ** ساقچىخانىسى. 2020- يىلى06- ئاينىڭ30- كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىغۇچە كىپىلگە بېرىلگەن ، 2020- يىلى9- ئاينىڭ5- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن .
مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020-يىلى9-ئاينىڭ4-كۈنى (2020) 118-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ت**نى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ ،پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:
2020-يىلى 06-ئايىنڭ 21-كۈنى سائەت 19دىن42مىنۇت ئەتراپدا جاۋاپكار ت** ھاراق ئىچىپ 新E-***** نومۇرلۇق ئىككى چاقىلىق موتىسكلىتىنى ھەيدەپ بورتالا شەھەر S304يول لىنيسدە شەرىقتىن غەرپكە قاراپ مىڭىپ S304 يول لىنسيىنڭ 14كىلومىترلىق يول بۈلكگە كەلگەندە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خەلق ساخچسى تەرپدىن تەكشۈرۈلۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدليىك باھالاش مەركىزنىڭ باھالاشنامىسىدا، تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن جاۋاپكار ت**نىڭ ۋىنا قىندىن ئىلنغان قان ئەۋىرشكسدىن ئىسپىرت مىغدار بايقالغان، ئىسپرت مىقدار 279mg/100 بولۇپ، مەس ھالەتكە تەۋە.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات ،باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار ت**نىڭ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ- 133ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىغا ئاساسەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ۋە راست، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ- 176ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : زاھىر
2020-يىلى9-ئاينىڭ 8-كۈنى
قوشۇمچە :
1).جاۋابكار بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
2). دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ ئىككى توپلام ،تەپتىش بىر توپلام بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论