欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(叶某某交通肇事)

2021-09-23 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

    غۇلجا  ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

         غ ن تەپتىش 1-جىنايى ئىشلار بۆلۈم ئەيىبلەش  (2020)xx-نومۇرلوق

جاۋابكار: ئېxx، ئەر،قازاق،19xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كەسپى: چارۋىچى،تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، كىملىك نومۇرى: 654121xxxxxxx ،نوپۇسى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنىxx ناھىيە xx يىزىسىxx كەنت xx-نومۇر.  2020-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى خەتەرلىك  ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن غ ن ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن دىلو تۇرغۇزۇلۇپ2020-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى تەكشۈرپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.ھازىر سىرتتا.

بۇ دېلونى غۇلجا  ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى11-ئاينىڭ15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل پىرىنسىنى قوللىنىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق.دىجورنى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ،دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە 

بىكىتىلگەندىلونىڭ پاكىتى

    2020-يىلى5-ئاينىڭ 25- كۈنى  سائەت 2 دىن 55 مىنۇت ئەتراپىدا   جاۋاپكار ئېxx ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ئۆزىنىڭ  新Fxxxx نومورلوق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىنى غ ن جىلىيۈز بازىرى ئاييورۇق ئائىلىلىكلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى يول بۆلىكىدە ھەيدەپ ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان ۋە ھاراق ئىچىپ ماتورلوق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش گۇمانى زور دەپ قاراپ غ ن خەلق دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىلىپ قان ئەۋرىشكىسىنى ئىلىپ  قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن. شىنجاڭ جوڭيى ماددى ئىسپاتلارنى  ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنى 2020-يىلى5-ئاينىڭ 30-كۈنى چىقارغان  2020-يىلى 702-نومورلوق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى باھالاش دوكلاتىدا جاۋاپكار ئېxxنىڭ   قىنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 188.32mɡ/100ml غا  يەتكەنلىگى بىكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.​ يازما ئىسپات ؛

2.​ گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

3.جاۋابكارنىڭ  ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ؛

5.باھالاش پىكىرى؛

6.نەق مەيدان ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛

7.ئۈن سىن پىلاستىنكىسى .

يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ ئىلىنىشى قانۇنلۇق،ئىسپاتلىماقچى بولغان مەزمۇنى ئوبىكتىپ راست،شىكايەت قىلىنغان قىلمىشنى بىكىتىشكە بولىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ئېxxننىڭ يۇقارقى قىلمىشى ‹جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›نىڭ  133 -ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست.خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار دىلۇ پاش بولغاندىن كىيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان بولۇپ، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا جاۋاپكار  ئېxxغا «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسى،67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <<مەستلەر ماتورلوق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايى دىلولىرىنى بىجىرىشتە قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پىكرى>>نى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكرى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە 2 ئايدىن يۇقۇرى 3 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىش،قوشۇمچە 4000 يۈەن شىتراف قويۇشقا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سوراپ «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: مۇكەررەم بەكرى. 

 تەپتىش :مىررزەكىم مىرجالال

                        2020- يىلى12- ئاينىڭ 24- كۈنى

قوشۇمچە :

1.​ جاۋابكار ئائىلىسىگە  كىپىلگە بىرىلگەن.ئالاقىلىشىش نومۇرى:176xxxxxx

2.​  8نۇسخا ئەيىبنامە،جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، دەلىل ئىسپات تېزىسى،ئۈن سىن ماتىريالى،ئىككى توپلام تەھقىقلەش دېلوسى بىرگە يوللاندى.

3.​ قازا قىلغۇچى ئائىلىسىنىڭ ۋە باشقا زىيانلانغۇچىلارنىڭ جاۋاپكارنى ئەپۇ قىلغانلىق توغرىسىدىكى  ئىسپاتلىرى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top