欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(司某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                    ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2021) 123–نۇمۇرلۇق

باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار ئXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:65292619XXXXXXXX، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، باي ناھىيە XX يېزا XX كەنت XX-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلىلككە بىرىلگەن.

باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارسى بۇ دېلونى تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 2–ئاينىڭ 1-كۈنى(2021) 65-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ئXX  2020-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 4 لەر ئەتىراپىدا، ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى新NXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئاپتۇمبىلغا ئXX ئولتۇرغۇزۇپ مەس ھالەتتە، باي ناھيە XX يېزا XX كەنت XX-گۇرۇپتىكى ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىپ، XX يېزا XX كەنت XX-گۇرۇپ يول بۆلىكىگە چىقىپ شىمالدىن-جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ، ** تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان.

شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددىي ئىسپات ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنى ((2020) 5902-نومۇرلۇق ئەدىلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسى ئارقىلىق «ئXX قان سۇيۇقلىقىدا ئالكوگول تەركىبى بايقالدى، ھەر 100 مىللىتىر قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئالكوگول مىقدارى 260.05 مىللىگرام » دەپ بىكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئسپاتلايدىغان دەلىل– ئسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، كۆرۈش- ئاڭلاش ماتىرىيالى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار ئXX يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل–ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست بىكىتشكە بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1- تارماق بەلگلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قارىدى، بۇ جىنايەتكە قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا «تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە شىتىراف قويۇش جازاسى»دىن ئىبارەت، جاۋابكارغا جازا ئۆلچەشتە، جاۋابكارنىڭ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلىقى، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ بارلىقى، قان سۇيۇقلۇقىدا بايقالغان ئالكوگول مىقدارى، ئاپتۇمبلىنى مەس ھالەتتە ھەيدىگەن ھەيدەش ئارلىقى قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋابكار ئXX گە 4 ئاي  تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 7000.00 يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بىرىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمىز. 

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

                       تەپتىش : ئىسراپىل ئىسكەندەر

مۇۋەققەت تەپتىش : ئاينۇر مولنىياز

     2021-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى

ئىزاھات :

1.​ بىر توپلام ج خ ئارخىۋى، 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش كېلشىمنامىسى، ئۈچ دانە پىلاستىنكا بىرگە يوللاندى.

جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.2. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top