شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020)164-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار: سىXX ،ئايال، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 1427******65212219 ، پىچان ناھىيە ** بازار ** مەھەللە كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق ،تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019- يىلى 2- ئاينىڭ 13- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن،2020-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار سىXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.دېلو ئەھۋالى ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكىنى 15كۈن ئۇزارتتۇق .
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2019-يىلى1-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 03:25 مىنۇتلار ئۆتكەندە، جاۋاپكار سىXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، *****新K نۇمۇرلۇق ، « **» ماركىلىق ، كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى ھەيدەپ ، غەرىپتىن -شەرىققە قاراپ يول يۈرۈپ، پىچان ناھىيە بازىرى ** يۇلى **-نۇمۇرلۇق دېلو مەلۇم قىلىش نۇقتىسى ئالدى يول بۈلىكىدە كەلگەندە،جەنوپتىن -شىمالغا قاراپ كىتۋاتقان لىيۇ XX ھەيدىگەن 新KT**** نۇمۇرلۇق، «**» ماركىلىق، كىچىك تىپتىكى تاكسى ماشىنا بىلەن ئۆز-ئارا سۇقۇلغان ،نەتىجىدە ھادىسىدە ئادەم يارلانماي ۋاستىلېرى زىيانغا ئۇچراشتەك ئادەتتىكى قاتناش ھادىسىسىنى سادىر قىلغان .
شىنجاڭ خۇاتۇڭ ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 0414-نۇمۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاش قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسىسىدە: « سىXXنىڭ قىنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml157.39» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛3.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرە ،خەرىيتە ۋە سۈرئەتلېرى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار سىXX ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار سىXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرۈپ ھادىسە سادىر قىلغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمونىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ۋە قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.
جاۋاپكار سىXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن ، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار سىXXغا 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ،جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ۋە قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ.
جاۋاپكار سىXXنىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا
2020-يىلى3-ئاينىڭ 27-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋاپكار سىXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى:155********
2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论