شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
كۇچا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ك ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 232- نومۇرلۇق
كۇچا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار خX، ئەر، ئويغۇر، 1981-يىلى**-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، تولۇقسز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: دېھقان،يۇرتى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى: شىنجاڭ كۇچا ناھىيە ياقا بازار كىرىش كەن*-گوروپ **-نومۇر ،جازالانمىغان. كىملىك نۇمۇرى: **********65292319،
خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى01–ئاينىڭ 23-كۈنى كۇچا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تۇتۇلۇپ، 2020-يىلى01-ئاينىڭ26-كۈنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلسىدە .
مەھكىمىمىز كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى 〔2020〕 159 -نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋاپكار خXنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش دېلوسىنى 2020-يىلى 05- ئاينىڭ 04-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ كۆردۈق، دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاندى:
جاۋاپكار *** 2020-يىلى01-ئاينىڭ23-كۈنى سائەت01:00 لەر ئەتراپىدا ئاغىنىسى ھxنىڭ تېلفۇن قىلىش بىلەن **بازىردىكى «**» مۇزىكىلىق ئارامگاھىغا بېرىپ ھx بىلەن يx ئىككىسنى ئۆزى ھەيدەپ كەلگەن新N****نۇمۇرلۇق كىچك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىغا چىقارغاندىن كىيىن ،ئۆيىگە قايتىش مەقسىدە ماشىننى ھەيدەپ ** بازار** كەنت يولىغا كەلگەندە بىر مەھەللىلىك ئاx بىلەن جxنى ماشىنىسغا چىقىرۋالغان ،شۇكۈنى 02لەر ئەتىراپىدا ** كەنت **مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلگەندە شۇ يەردىكى تxنىڭ دۇكىنىغا بەشەيلەن كىرىپ « لۈۋباۋ » ماركىلىق ،250گىراملىق ئاق ھاراقتىن ئۈچ بوتۇلكا ئىچىپ مەس بولغاندىن كىيىن شۇ كۈنى 2020-يىلى01-ئاينىڭ23-كۈنى سائەت04:30 لەر ئەتراپىدا بىلەن سورۇندىن تارقاپ ،ئۆزىلىرى ھاراق ئىچكەن دۇكاننىڭ ئالدىغا توختىتپ قويغان ئۆزىنىڭ 新N****نۇمۇرلۇق كىچك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىغا ياx بىلەن ھxنى چىقىرىپ ئۆيگە قايتىش مەقسسىدىدە ماشىننى ھەيدەپ **-كەنىت يول بۆلىكىگە كەلگەندە ، شۇ يەردە ۋەزىپىە ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان.
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش دوكىلاتىدا، خXنىڭ ۋېنا تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىmg/100m 117 دەپ باھالانغان .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،باھالاشنامە، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى،ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك،جاۋابكارخXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ, جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش- تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار خXغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددا 1-تارماق2-تارماقچىسىنىڭ ، 67- ماددا3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە, 1 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە شىتىراف قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىپ،«جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ھۆرىيەت تۇردى
2020- يىلى 05- ئاينىڭ 08- كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار خXئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كىسىم قىلىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论