شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم (2020)864-نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار خX ،ئەر،ئۇيغۇر،1971-يىلى**-ئاينىڭ ***-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: *********6529231971،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، شىنجاڭ كۇچا ناھىيسىدىن، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى :كۇچا ناھىيە ***** يېزا **** كەنت ***-گۇرۇپ ***-نۇمۇرلۇق قورو،ئىلگىرى جازالانمىغان.
خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 21- كۇنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىلگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 369-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار خXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دىلوسىنى 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى تىزكىسىم تەرتىپى بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جاۋابكار خX2020-يىلى6-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت17:00لەر ئەتراپىدا كۇچا شەھەر *** يېزا *** كەنت ***-گورۇپتىكى مXنىڭ دۇكىنىدا ئۆزى يالغۇز 125گىراملىق قىزىل ھاراقتىن بىر بوتۇلكا ئىچىپ بولغاندىن كىيىن، ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ ئۆيىدىكى بىر بوتۇلكا پىۋىنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىن، سائەت 22:00لەر ئەتراپىدا تاغىسى تXغا سىرتتىن تاماق ئەكىرىپ بىرىش ئۈچۈن، ئۆيىنىڭ ھويلىسىغا توختۇتۇپ قويغان 新****** نۇمۇرلۇق، 125تىپلىق، ‹‹***8›› ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ئۆزى يالغۇز مەس ھالەتتە پىراۋىسىز ھەيدەپ مېڭىپ *** يېزا ****كەنت كومىتىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپدىن تۇتۇلغان.
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، خXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارىmg/100mL 143 دەپ باھالاپ بېكىتكەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،باھالاشنامە، ئېنىقلاپ– تەكشۈرۈش خاتىرسى،ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك،جاۋابكار خXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار رXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا،1-مەزمۇن،1-تارماقنىڭ 2-تارماقچى بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ياسىن رۇزى
2020- يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار خX ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تىز كىسىم قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论