ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-ب ج ئە (2020) 191–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار خا****، ئايال، ئويغۇر، 1966-يىلى *-ئاينىڭ **-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501031966، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، يەككە تىجارەتچى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنى **** يولى ***-نۇمۇر *-بىنا *-زال ***-ئۆي. يۇشۇرۇش قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار خا****نىڭ يوشۇرۇش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 7–ئاينىڭ 9-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇكات) نىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار خا**** 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارى ئا****نى ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنى **** يولى ***-نۇمۇر *-بىنا *-زال ***-نۇمۇرلۇق ئۆيىدە تۇرغۇزغان، 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ساقچىلار جاۋابكارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئا****نى سۈرۈشتە قىلغاندا جاۋابكار خا**** ئا****نىڭ قاچقۇن جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، ساقچىلارغا ئا****نىڭ ئۆيىدە ئەمەسلىكىنى دەپ يالغان ئېيتىپ، قاچقۇن جىنايەت گۇماندارى ئا****نى 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۆيىدە يۇشۇرغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، دېلوغا كىلىش (تۇتۇلۇش) جەريانى ئىسپاتى؛
2. گۇۋاھچى ما****، ئا**** قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىقى؛
3. جاۋابكار خا****نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. ئا****غا جىنايى ئىشلار بۇيىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللۇلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپات ماتىرياللار.
يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ، ھەقىقى، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا قارىتا باشقا پىكرى يوق، ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار خا****نىڭ قاچقۇن جىنايەت گۇماندارىنى تۇرالغۇ جاي بىلەن تەمىنلەپ، قېچىپ يۇشۇرنۇپ يۈرىشىگە ياردەم قىلغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 310–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، يوشۇرۇش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: قۇدۇس قاسىم
تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت
2020–يىلى 10–ئاينىڭ 14–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە تۇرار جايى نازارەت ئاستىدا؛
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ج خ دېلوسى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخا، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىش تىلخېتىدىن بىر نۇسخىدىن يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论