شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش (2020) 494-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار تۇXX، باشقا ئىسىمى ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1994-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX 6529011994، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، ئاقسۇ شەھىرى XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
جاۋابكار مXX، ئايال، ئۇيغۇر، 1990-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX6529011990، ساۋاتسىز، مۇقىم كەسىپى يوق، ئاقسۇ شەھىرى XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن شېنياڭ شەھىرى شېنخې رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىگەن. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
جاۋابكار مۇXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1991-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529011991، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، رېمىنۇتچى، ئاقسۇ شەھىرى XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
جاۋابكار ئېXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1991-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529291991، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئاشپەز، ئاقسۇ شەھىرى XXئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX- ئىشىك XX- نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى باشقىلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش جىنايى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن مەمۇرى جەھەتتىن توختۇتۇپ قويۇش جازاسى بېرىلگەن. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار تۇXX، مXX قاتارلىقلارنى زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايتى بىلەن، جاۋابكار مۇXX، ئېXX قاتارلىقلارنى زەھەر يۆتكەش جىنايىتى بىلەن 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچنىڭ ئائىلە تاۋاباتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلودا ئاددى تەرتىپى قوللۇنۇشقا قۇشۇلىدۇ.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى جاۋابكار تۇXX (باشقا ئىسىمى ئاXX) بىلەن جاۋابكار مXX ئىككەيلەن بىرلىكتە زەھەرلىك چېكىملىك (ناتاشا) سېتىۋېلىشنى مەسلىھەتلەشكەن. شۇ كۈنى جاۋابكار تۇXX ئۈرۈمچىدىكى مال تەمىنلىگۈچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 100 گىرام زەھەر (ناتاشا) سېتىۋېلىشنى ھەمدە ئىككى تەرەپ 100 گىرام زەھەر (ناتاشا) نى 6500 يۈەن باھاغا سېتىش–سېتىۋېلىشنى پۈتۈشكەندىن كېيىن، جاۋابكار تۇXX ئالدى بىلەن بىلەن 5500 يۈەن بېرىدىغان، قالغان 1000 يۈەننى زەھەر (ناتاشا) نى سېتىپ چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ناتاشا تەمىنلەپ بەرگۈچىگە بېرىدىغان بولۇپ پۈتۈشكەن. زەھەر (ناتاشا) سېتىۋالماقچى بولغان 5500 يۈەن پۇلدىن، 2000 يۈەننى جاۋابكار تۇXX چىقارغان، 3500 يۈەننى مXX چىقارغان. مXX جاۋابكار مۇXX ۋە جاۋابكار مۇXXنىڭ ئاغىنىسى جاۋابكار ئېXX ئىككەيلەننىڭ ئۈرۈمچىگە ماشىنا ھەيدەپ بېرىپ، ئىش بىجىرگىلى باردىغانلىقىنى بىلىپ، مXX بىلەن جاۋابكار تۇXX قاتارلىقلار جاۋابكار مۇXXگە ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىپ زەھەر (ناتاشا) نى ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا ئەكىلىپ بېرىشىنى ئېيتقان. جاۋابكار مۇXX قوشۇلغاندىن كېيىن، مXX 5500 يۈەن پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق جاۋابكار مۇXXگە يۆتكەپ بەرگەن. جاۋابكار تۇXX ئۈرۈمچدىكى زەھەر (ناتاشا) سېتىپ بەرمەكچى بولغان ئادەمنىڭ ئالاقىلىىشىش ئۇسۇلىنى جاۋابكار مۇXXگە تەمىنلەپ بەرگەن. جاۋابكار مۇXX، جاۋابكار ئېXX قاتارلىقلار 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 新NXXXXX نومۇرلۇق داجۇڭ CC ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئۈرۈمچىگە بارغان. جاۋابكار مۇXX ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچدىكى زەھەر (ناتاشا) بىلەن تەمىنلىگۈچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۈندىدار ئارقىلىق مXX يۆتكەپ بەرگەن 5500 يۈەن پۇلنى زەھەر (ناتاشا) بىلەن تەمىنلىگۈچىگە ئۈندىدار ئارقىلىق يۆتكەپ بېرىپ، زەھەر (ناتاشا) سېتىۋالغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى جاۋابكار مۇXX، جاۋابكار ئېXX قاتارلىقلار جاۋابكار ئېXXنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ، ئاقسۇ شەھىرىگە قايتىپ كېلىۋېتىپ، كۇچا شەھىرى رايۇنى ئەتراپىغا كەلگەن ۋاقىتتا، جاۋابكار مۇXX جاۋابكار ئېXXغا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىن زەھەر (ناتاشا) سېتىۋېلىپ، جاۋابكار ئېXXنىڭ ماشىنىسىغا سېلىپ قويغانلىقىنى ئېيىتقان. جاۋابكار مۇXX، جاۋابكار ئېXX قاتارلىقلار شۇ يەردە بىرلىكتە زەھەر (ناتاشا) چەككەن. ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن، جاۋابكار مۇXX زەھەر (ناتاشا) نى ئاقسۇ شەھىرىXX ئولتۇراق رايۇنىغا ئەكىلىپ، جاۋابكار تۇXX ۋە مXXغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. جاۋابكار تۇXX بىلەن مXX زەھەر (ناتاشا) نى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ھەر بىر گىرام زەھەر (ناتاشا) نى 200 يۈەندىن سېتىپ، چىققان پايدىنى تەڭ نىسپەتتە بۆلۈشمەكچى بولغان. جاۋابكار تۇXX دXX بىلەن ئالاقىلىشپ كىچىك بەش بولاق زەھەر (ناتاشا) نى دXXكە ساتقان. مXX دXXكە كىچىك ئۈچ بولاق زەھەر (ناتاشا) ساتقان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى جاۋابكار مۇXX ئۆزىنىڭ 新NXXXXX نومۇرلۇق شىيەندەي ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى ھەيدەپ، مXXدىن كىچىك ئالتە بولاق زەھەر (ناتاشا) نى ئېلىپ، ئاقسۇ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئې XXXئىسىملىك ئادەمگە ساتماقچى بولغان ۋاقىتتا، نەق مەيداندا ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرى جاۋابكار مۇXXنى ۋە ماشىنىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق، ماشىنىدىن سېرىق يېشىل رەڭلىك، ساپ ئېغىرلىقى 22.97 گىرام بولغان گۇمانلىق بۇيۇمنى قولغا چۈشۈرگەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن، ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرى مXXنىڭ XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-نومۇرلۇق ئۆيىدە، مXXنى تۇتۇپ، مXXنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق، ياتاق ئۆيدىكى ياستۇقنىڭ ئىچىدىن چوڭ بىر بولاق سېرىق يېشىل رەڭلىك، ساپ ئېغىرلىقى 63.35 گىرام بولغان گۇمانلىق بۇيۇمنى قولغا چۈشۈرگەن. جاۋابكار تۇXX بىلەن ئېXX ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قولغا چۈشۈرگەن سېرىق يېشىل رەڭلىك گۇمانلىق بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ باھالىشىغا يوللىغان. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئورنىنىڭ [2020] 28–نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا، ئەۋرىشكە ئېلىپ ئەكەلگەن گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ تەركىبىدە زەھەر (ناتاشا) يوق دەپ بېكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار تۇXX، مXX قاتارلىقلارنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ قىلمىشىدىن زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، جاۋابكار مۇXX، ئېXX قاتارلىقلارنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ قىلمىشىدىن زەھەر يۆتكەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست. جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر. جاۋاپكار تۇXX، مXX، مۇXX، ئېXX قاتارلىقلارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى. شۇڭا جاۋاپكارلارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. جاۋاپكار تۇXX، مXX، مۇXX، ئېXX قاتارلىقلارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام
پۈتۈكچى: تاھىر تۇنياز
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 23 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 9 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، 4 نۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، بىر نۇسخا ئاددىي تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، 3 توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.
(2) جاۋابكارلار ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论