شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 311-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تXX، ئەر، ئۇيغۇر، 25 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529221994********، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئۇنسۇ ناھىيسى، شىنجاڭ ئۇنسۇ ناھىيە XX بازار XXكەنىت XXمەھەللە XX تار كوچا XX نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019–يىلى 12–ئاينىڭ 6– كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 15-كۈنى (2019) 065-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019- يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 20:58ئۆتكەن ئەتىراپتا جاۋابكار تXX ئىXX نامىدىكى NXXXX 新 نومۇرلۇق « دوڭفىڭ« ماركىلىق كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلنى ئاقسۇ شەھەر XX يېزا XX كەنىت يول بۆلىكىدە جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ سۈرەت ئاشۇرۇپ (بەلگىلەپ بىرىلگەن سۈرەت 40 كىلومىتىر /ھەر سائەت ، ئەمەلىي سۈرەت 67 كىلومىتىر / ھەر سائەت ) ھەيدەپ مېڭىپ، XX يېزا XX كەنىتXXمەھەللە يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە ئۆزى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە پىيادە مىڭۋاتقان ئالاقىدار تXXنى سوقىۋەتكەن. ئالاقىدار تXX قازا قىلغان، قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان. ھادىسىدىن كىيىن جاۋابكار تXX قازا قىلغۇچى تXX ئائىلىسىدىكىلەرگە تۆلەم تۆلەپ ئەپۇسىغا ئىرىشكەن .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ 65290142018********6-نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە: A تەرەپ تXX بۇ ھادىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، B تەرەپ تXX بۇ ھادىسىنىڭ قۇشۇمچە مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتىلگەن.
شىنجاڭ قاتناش پەن تەتقىقات ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 6271-نومۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدا «تXXرنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قاننىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml 0» دەپ بىكىتىلگەن.
شىنجاڭ قاتناش پەن تەتقىقات ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 6272-نومۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدا «تXXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قاننىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml 365.65» دەپ بىكىتىلگەن.
شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسى ماددى ئىسپاتىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 1720-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە:« 新NMXXXX نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ ئالدى ئوڭ تەرەپ قىسىمى بىلەن تXXنىڭ بەدەن ئارقا قىسىمى سوقۇلغان» دەپ بىكىتىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2019) 610-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ئىلمى تېخنىكىلىق باھالاشنامىسىدە: « قازا قىلغۇچى تXX قاتناش ھادىسىسگە ئۇچىرىغاندىن كىيىن مىڭە قىسىمى پارچىلىنىپ ئېغىر دەرىجىدە يارلانغان، كۆپ قىسىم يەرلىرى سۇنغان، ئىچكى ئەزالىرى قاناپ ئاخىرىدا بىرىكىپ جىددى خارەكتىرلىك نەپەس قىسىلىپ شۈڭ بۇلۇپ ئۆلۈپ كەتكەن » دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرنامىسى، ئېنىقلاش -تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار تXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇللۇق، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار تXX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، بۇ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار تXX «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش : ھۈسەنجان موللىمىن
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى
ئىزاھات:
(1) جاۋاپكار تXX ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشش تېلفۇن نۇمۇرى : XXXX1323983 ، XXXX1869970
(2) 8 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论